شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ج ئى 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020) 663-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار قxx، ئەر، ئۇيغۇر، 22 ياش، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx 6529261998،تۇرۇشلۇق ئادرېسى:شىنجاڭ باي ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-گۇرۇپ، مەدەنيەت سەۋىيىسى: تۇلۇقسىز، ئىشچى، پارتىيە ئەزاسى ئەمەس، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 4–ئاينىڭ 1-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلىككە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار قxx 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 20:46 لەردە xx شەھەر xx ئولتۇراق رايونى ئالدىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان新N4xxxxنۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ 10 مىتىردەك ماڭغاندىن كېيىن پىيادە مېڭىۋاتقان زىيانلانغۇچى گxxنى سۇقۇۋەتكەن. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار قxxىڭ ھاراق ئىچىپ ماشنا ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغاندا، جاۋابكار قxxنىڭ 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى148.41مىللىگىرام (mg/100ml148.41) بۇلۇپ مەس ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، يازما ئىسپات، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار قxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133– ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.
جاۋابكار قxx قىلمىشىنى تۇلۇق ئىقرار قىلىپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ۋە بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز
تۇرسۇنئاي ئەخمەت
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمىرى:xxxx 1910907 .
1. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论