شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش
مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى
چ ت ئە (2020) 59-نومۇرلۇق
چەرچەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
جاۋاپكار قۇ***، ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، (كىملىك نۇمۇرى: ********6528251981)، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ چەرچەن ناھىيىسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ چەرچەن ناھىيسى *** يېزا ** كەنتى **-گۇرۇپ ***- نۇمۇرلۇق قورو، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھكىمىمىىز تەرىپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار قۇ*** نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلۇسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 5 –كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن›› جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن ‹‹نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن،بىجىرىشكە تىگىشلىك قانۇن ھوججەتلەرنى بىجىردۇق، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلۇ بېجىرگۈچىلەر جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ھەمدە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرى ئېلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار قۇ*** دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق، جاۋاپكار قۇ*** نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.
جاۋاپكار قۇ*** 2019- يىلى 08- ئاينىڭ 31-كۇنى تەخمىنەن سائەت 23:30 لار ئەتراپىدا، چەرچەن ناھىيە *** يېزا ** كەنتى **- گۇرۇپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئە***نىڭ دۇككىنىدا نەۋرە ئىنىسى رۇ*** بىلەن ئىككەيلەن توت بوتولكا پىۋا ئىچكەندىن كېيىن، سەھەر سائەت 01:30 لار ئەتراپىدا سورۇندىن چىقىپ، ئۇيىگە قايتىپ كىتىش ئۇچۇن شۇ دۇككاننىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويغان باشقىلار نامىدىكى 新MQ3499 نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ( ھەيدەش كىنىشكىسى بار) مىنىپ توغراقلىق يېزا ئارىش كەنتى 3- گۇرۇپپىدىكى يولدا يول يۇرىۋاتقاندا، شۇ يول بولىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ كادىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن 新MQ**** نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىت بىلەن نەق مەيداندا تۇتۇلغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019]6443- نۇمۇرلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە:« جاۋاپكار قۇ***نىڭ ھەر 100مىللىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 144 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار» دەپ ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۇنى چىقىرىلغان .
جاۋاپكار قۇ****نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار ئۆزىمۇ ئىقرار.
يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :
دېلودىكى ‹‹ يازما ئىسپاتلاردىن، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرغان نەرسە تىزىملىگى، جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019]6443-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان تۇتۇلۇش سۇرئىتى ›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە
جاۋاپكار قۇ*** نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن قىلمىشىدىن » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ 133-ماددىسىنىڭ -1تارمىغىدىكى بەلگىلمە بۇيىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق،جاۋاپكار ئوزىمۇ ئىقرار. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى « نىڭ -15 ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار قۇ*** غا بىر يېرىم ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ،جازاسىنى2 يېرىم ئاي كىچىكتۇرۇش، قوشۇمچە 3000 يۈەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى «نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر.
تەپتىش: قەمبەرنىسا ئەمەت
-2020 يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئەسكەرتىش :
1.جاۋاپكار قۇ*** ئائىلىسدە كېپىلدە.
2.ئەيىپنامە 8 نۇسقا.
3. »جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئۇقتۇرىشى « ۋە» جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى « بىر نۇسقا.
4.دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش ئارخىۋى بىر توپلام بىرگە
يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论