شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى
چ ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش2019))152- نۇمۇر
چەرچەن ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار قۇ***، ئەر،ئۇيغۇر، 1984-يىلى **–ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، (كىملىك نۇمۇرى: ********6528251984 )، تۇلۇقسىز ئوتتۇر مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى دېھقان،ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ چەرچەن ناھىيىسىدىن، نۇپۇسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئۇرنى چەرچەن ناھىيە*** يېزا** كەنتى**-گۇرۇپ*** –نۇمۇرلۇق قورو، 2019- يىلى 1-ئاينىڭ 3- كۇنى چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن،بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان .
جاۋاپكار قۇ***نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەۋپلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسىنى چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 7–ئاينىڭ16-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۇك ئىچىدە بىجىرىشكە تىگىشلىك قانۇن ھۆججەتلەرنى بىجىردۇق،جاۋاپكارغا ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇختۇرۇشىنى يەتكۇزدۇق، ج خ دىلو ئارخىۋىنى كۆرۇپ چىقتۇق،جاۋاپكارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇرۇپ،قانۇن بۇيىچە سۇراق قىلدۇق، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۇۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنىڭ راسلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.
جاۋاپكار قۇ *** 2018-يىلى12-ئاينىڭ15-كۇنى سائەت 23:00 لەر ئەتراپىدا، م*** قاتارلىق بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن چەرچەن ناھىيە *** يېزا شەمبە بازىرىدىكى« كۇندە باھار رېستۇرانى»دا ھاراق (ئېلى لاۋجاۋ ) ئىچىپ ، ھاراق سورۇندىن قايتىپ ئۇيىگە كىتىش ئۇچۇن شۇ رېستۇراننىڭ ئالدىدا توختىتىپ قۇيغان ئۇزىنىڭ 新M***** نۇمۇرلۇق ئاق رەڭلىك كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ مېڭىش جەريانىدا، شۇ يول بولەكتە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى يېڭى ئوستەڭ ساقچىخاندىكى ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەنلىگىنى بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2018]8067- نۇمۇرلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش پىكىرنامىسىدا:« جاۋاپكار قۇ***نىڭ ھەر 100ml قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىۋىدە 225 مىللىگېرام ئىسپىرت مىقدارى بار» دەپ باھالاش يەكۇنى چىقىرىلغان .
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋاپكار ئۆزلىرىمۇ ئىقرار.
يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار توۋەندىكىچە:
دېلودىكى« قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدىۋېلى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى «2018]8067-نۇمۇرلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، نەخ مەيدان سۇرئىتى، قاتناش ۋاستىلىرى ئۇچۇرىنى تەكشۇرۇش جەدىۋېلى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قالغان، قايتۇرغان نەرسە تىزىملىكى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە نۇپۇس ئىسپاتى » قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار بار.
مەھكىممىزنىڭ قارىشچە:
جاۋاپكار قۇ***نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددسىنىڭ1-تارمىغىدىكى بەلگۇلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا مەھكىمىمىز جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇش زۇرۇر دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۇكۇم قىلغايىسلەر.
تەپتىش: قەمبەرنىسا ئەمەت
2019- يىلى 8- ئاينىڭ 14 -كۇنى
ئەسكەرتىش: (1) جاۋاپكار قۇ*** ئائىلىسىدە كېپىلدە ،(2) تەھقىقلەش ئارخىۋى 1توپلام . (3) ئەيىبلەشنامە 9نۈسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论