شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)65-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ق**، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0739 ********652925، تولۇق ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، رىمنۇتچى، ت** ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە پ**يېزا م** كەنت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 29-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋاپكار ق**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020) 8-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ق** 2019-يىل 09-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 21:00 ئەتىراپىدا، توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا قىزىل شەھەر كەنت مەھەللە كومتىتىنىڭ ئالدىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا ت** قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دۇكاندىن چىقىپ، دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新N4E126 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، موتوسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا ت**نى چىقىرىپ ، توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا سۆگەتكۈزلەك كەنت مەھەللە كومتىتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، يول قۇرلۇشى قىلۋاتقان ئورۇنغا قويۇپ قويغان توساققا سۇقۇلۇپ، جاۋاپكار ق**يارلانغان . توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسە نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ق**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، قۇربان ئىمىننى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 6882-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە: قۇربان ئىمىننىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 106 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ 6529251909655- نۇمۇرلۇق مەسئۇليەت بېكىتىش ئۇقتۇرۇشىدا؛ ق**تۇلۇق مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، تۇرغۇن مەمەتنىڭ مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقى يوق دەپ بېكىتكەن .
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، باھالاشنامە ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن- سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى .جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ق**نىڭ قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ق**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 6000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش: ئۆمەر ئەمەت
2020-يىلى3-ئاينىڭ 25-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش ، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.4› دىلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسىمىدا تەرەپلەر كىلىشىپ تۈگەشكەن.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论