乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕xx号
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) xx –نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار قۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئايىنىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، قاملىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى ئۆي بىزەكچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 8-ئايىنىڭ 1-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئېغىر) جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار قۇxxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئېغىر) جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار قۇxx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيىجىڭ ۋاقتى سائەت 18:30 ئەتراپىدا ئۆزنىڭ ئۆيىدە شاگرتى ئېxx بىلەن بىللە پىۋە ئىچكەندىن كىيىن سىرتقا چىقىپ، قوشنىسى ئەxxنىڭ قوي قوتىننىڭ يېنىدا قوي سودىسى قىلىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇxx ۋە تۇxx، ئەxx قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا بارغان، بۇ چاغدا ئېxx زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇxx بىلەن تۇxxنىڭ دادسى تۇxxغا «مېنى ئاپامغا چېقىپسەن، كەنىت كومىتېتىغا چېقىپسەن» دەپ ماجرلاشقاندا، جاۋابكار قۇxx شاگرىتى ئېxxقا بولۇشۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇxx ۋە تۇxxنىڭ دادسى تۇxxبىلەن ماجرالىشىپ، ئۇزۇنلىقى40 سانتامىتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان كەكە سېپى چوڭلىقىدىكى كالتەك بىلەن، تۇxxنىڭ بېشىغا ئۇرماقچى بولغاندا، تۇxx قولى بىلەن كالتەكنى توسىۋالغان ھەم ئوغلى تۇxx بىلەن بىرلىشىپ جاۋابكار قۇxxنى يەرگە بېسۋالغاندا ئەxx كېلىپ ئۇلارنى ئاجرتىپ جاۋابكار قۇxxنى نېرسىغا ئاپىرۋەتكەن، بۇ چاغدا جاۋابكار قۇxx ئەxxنىڭ قوي قوتىننىىڭ يېنىدىن ئۇزۇنلىقى 1.5 مىتىر، بىر بېشىنىڭ دىئامتىرى 5 سانتىمتىر، يەنە بىر بېشى يېرىلىپ كەتكەن پۇتمىقى بار ياغاچ كالتەكنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، يەردە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇxxنىڭ ئوڭ تەرەپ باش قىسىمىغا بىرنى ئۇرغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇxx شۇ جايىدىلا يەرگە يىقلىپ چۈشكەن. بۇ چاغدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاپىسى رۇxx كىلپ، ئوغلى تۇxxنى قۇچاغلاپ تۇرغاندا، جاۋابكار قۇxx قۇلىدىكى كالتەك بىلەن رۇxxنىڭ يانپىشىغا بىرنى ئۇرغان، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇxxنىڭ باش قىسمى زەخمىلەنگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قانۇن دوختۇرنىڭ ئادەم بەدىننىڭ زەخمە دەرىجىسىنى باھالاش دوكلاتىدا «زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى تۇxxنىڭ زەخمىسىنى ئىككىنجى دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە» دەپ باھالاپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار قۇربان موللىتوختى يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار قۇxxنىڭ باشقىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا قەستەن زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قەستەن زەخىلەندۈرۈش (ئېغىر) جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، خەۋىپى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئىزاھات: (1) 11 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىغا قاماقلىق.
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، 2 دانە پىلاستىنكا دېلو قۇشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论