كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش (2020)1223-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار قەxxx،ئەر،1988-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: xxxxxx6528011988،ئۇيغۇر،ئالىي تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.مۇقىم كەسپى يوق،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ كورلاشەھىرى xxx يېزىسى xxx كەنىت x-گۇرۇپپا xx-نومۇر،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ كورلا شەھىرى xxx xx-بىنا xx-كورپۇس xxx-نۇمۇر،2015-يىلى3-ئاينىڭ 5-كۈنى كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تارتىۋېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك توققۇز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان.2019-يىلى12-ئاينىڭ 12-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار قەxxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى10-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 06:03لەر ئەتراپىدا،جاۋاپكار قەxxx پىراۋىسىز،ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新M6xxxxنومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر xxxx يولى x-دېۋىزىيە ئامبولاتورىيىسىنىڭ ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،يول ئوتتۇرسىدىكى يول ئايرىش رىشاتكىسىنى سوقۇپ نەق مەيداندىن قېچىپ،xxx يولى xxx-نومۇرلۇق خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىدىكى يولغا كەلگەندە،يول ياقىسىدىكى گۈللۈككە سوقۇلغان.نەتىجىدە رىشاتكا،دەرەخ،قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.
شىنجاڭ xxx قاتناش ھادىسى ماددى ئىسپاتنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019)xxxx-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتورىيەلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا، جاۋاپكار قەxxxxنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا 225.82مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ (2019)xxxxxx-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا جاۋاپكار قەxxxxنىڭ بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئولىيەتنى ئۆستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە،ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار قەxxئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ،جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار قەxxنىڭ قاتناش-تىرانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،پىراۋسىز،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار قەxxنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئىتراپ قىلغان بۇلۇپ «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە كەڭچىللىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىنسا بۇلىدۇ.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكار قەxxنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
2020-يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكاربىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论