欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(开某某)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

غۇلجا  ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                     غ ن تەپتىش 1-جىنايى ئىشلار بۆلۈم ئەيىبلەش  (2020) 147 -نومۇرلۇق    

جاۋابكار كە**، ئەر، ئۇيغۇر،  ****-يىلى**- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: دىھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: 654121********3175، نوپۇسى ۋە دائىمي ئولتۇرۇشلۇق ئورنى:غۇلجا ناھىيە ** دىھقانچىلىق مەيدانى -**ئەترەت **-نومۇر. 2017-يىلى يىزا ئىگىلىك يىرىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ 5 يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا  ھۆكۈم قىلىنغان.

-2018يىلى12-ئاينىڭ -18كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن  بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دېلونى غۇلجا  ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،   2020-يىلى  8-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل پىرىنسىنى قوللۇنىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى  ئۇقتۇردۇق.قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دەۋا ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق ھەم پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار  كە** 2015-يىلى9-ئايدا سىتىۋالغان غۇلجا شەھەر توڭلۇۋەندىكى  90 كۇۋادىراتلىق بىر يۈرۈش ئۆيىنى شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ئۆي كىنىشكىسىنى بانكىغا رەنىگە قويۇپ پۇل قەرز ئالغان. كىيىن بۇ ئۆيگە ساختا ئۆي كىنىشكىسى ئىشلىتىپ باشقىلارغا ئىجارىگە بەرگەن. جاۋاپكار كە** بۇ ئۆينىڭ  ھەق تەلەپ دەۋاسىغا چىتىشلىق، نوپۇس يۆتكەش ھوقوقى توختىتىلغان ئۆي ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ 2018-يىلى4-ئاينىڭ12-كۈنى غۇلجا شەھەر  قىزىل يۇلتۇز كوچا 5-خاڭ 8-نومۇرلوق قورادا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى تۇ**گە  270 مىڭ يۇەنگە ساتقان . تۇ** جاۋاپكارغا 20 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى بەرگەندىن سىرت  يۇقارقى ئۆينىڭ  قەرزى ئۈچۈن سۈيدۈڭ پوچتا بانكىسىغا 223 مىڭ يۈەن قەرز تۆلىگەن، يەنە جاۋاپكارنىڭ قولىغا 7000 يۈەن نەق پۇل بىرىپ ھۆججەت يازدۇرىۋالغان. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ15-كۈنى جاۋاپكار كە** يەنە  زىيانلانغۇچى  تۇ**دىن 5 مىڭ يۈەن ئالغان. كىيىن زىيانلانغۇچى تۇ** يۇقارقى ئۆينىڭ نامىنى ئۆزىنىڭ نامىغا يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بارغاندا، مەزكۇر ئۆينىڭ  2015-يىلى غ ن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قەرز قايتۇرغىچە بولغان ئارلىقتا نوپۇس يۆتكەش ھوقوقى توختۇتۇلغان ئۆي ئىكەنلىگىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، جاۋاپكار كە** 255 مىڭ يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى كۆپ قىتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، جاۋاپكار كە** پۇل يوقلىقىنى ئىيتىپ قايتۇرۇشنى رەت قىلغان ۋە زىيانلانغۇچى تۇ**دىن  ئۇنىڭغا بەرگەن ئۆزىنىڭ نامىدىكى ئۆي كىنىشكىسىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. جاۋاپكار يۇقارقىدەك ئۇسۇلدا بىنا ئۆيىنىڭ بانكا قەرزىنى تۈگەتكەندىن كىيىن، يۇقارقى ئۆينى يەنە 2018-يىلى 5-ئايدا ئالدىن ياسىتىۋالغان ساختا ئۆي كىنىشكىسى بىلەن غ ن سادىقيۈزى يىزا تۆۋەنكى سادىقيۈزى كەنت 1- گۇرۇپپا ئەزاسى ۋۇ** (سۇ**)غا 250 مىڭ يۈەنگە سىتىپ، ‹‹225 مىڭ يۈەننى نەق ئىلىپ، قالغان 25مىڭ يۈەن پۇلنى ئۆينىڭ نامىنى يۆتكەپ بەرگەندە بىرىمەن›› دەپ زىيانلانغۇچى ۋۇ** يالغان ئېيتىپ ئۇنىڭ 225مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالغاندىن كىيىن ئۆينى ۋۇ**نىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن.  جاۋاپكار 225مىڭ يۈەننى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن. دىمەك جاۋاپكار كە** قىسقىغىنە ۋاقىتتا  ئۆزىنىڭ نامىدىكى نوپۇسىنى ۋاختىنچە يۆتكەشكە بولمايدىغان ئۆيىنى ئارقا- ئارقىدىن زىيانلانغۇچىلار  تۇ** ۋە  ۋۇ** (سۇ**) قاتارلىقلارغا  سىتىپ ئۇلارنىڭ جەمى 450 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان،كىيىن زىيانلانغۇچى تۇ**نىڭ كۆپ قىتىم سۈيلىشى ۋە تەلىپى بىلەن ئۇلارنىڭ باشقا ئۆيدە ئىجارە ئولتۇرۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 8 مىڭ يۈەن بەرگەن.                                         

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات ؛

2.​ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

3.زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ؛

4.جاۋابكارنىڭ  ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛

5.باھالاش پىكىرى؛

6.نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

7.ئۈن سىن پىلاستىنكىسى .

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ، جاۋابكار كە**نىڭ نوپۇس يۆتكەش ھوقوقى ۋاختىنچە توختۇتۇلغان ئوخشاش بىر ئۆيىنى قەرز ھۆججىتى يىزىپ بىرىش،يالغان ئىيتىش، راست- يالغان ئۆي كىنىشكىسى ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ 450مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغانلىق قىلمىشى ‹جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›نىڭ 266 -ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، مىقتارى ناھايىتى كۆپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار كە**كە «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە مۇددەتلىك5 يىل 6 ئايدىن يۇقىرى 6 يىل 6 ئايدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىشىڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مۇكەررەم بەكرى. 

 تەپتىش :مىررزەكىم مىرجالال

                        2020- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى

قوشۇمچە :

.1 جاۋابكار ئاغرىق سەۋەپتىن ئائىلىسىدە كىپىلگە بىرىلگەن .

2. 8نۇسخا ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، دەلىل ئىسپات تېزىسى،ئۈن سىن ماتىريالى،ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top