库尔勒市人民检察院
起 诉 书
库尔勒市检一部刑诉〔2020〕180号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش (2020) 180 -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار قXX، ئەر ،1998-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6528271998،ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسى XX رايۇنى XX يۇلى XX-ھويلا XX-نۇمۇر،قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىناXX-ئىشىكXX-ئۆي، مۇقىم كەسپى يوق .ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى10-ئاينىڭ 1-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ قۇيۇلغان.شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئجرا قىلغان.
جاۋاپكار سXX، ئەر، 1999-يىلىXX-ئاينىڭXX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6528271999،ئۇيغۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھارقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسى XX بازىرى XX ئورمانچىلىق مەيدانى XX- نۇمۇر، مۇقىم كەسپى يوق.ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019 –يىلى10-ئاينىڭ 1- كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ قۇيۇلغان. شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئجرا قىلغان.2020- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۈرەپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار قXX، سXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 6-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋاپكارلارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارلارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكارلار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكارلار دىلونى ئادەتتىكى تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
1-قېتىم: جاۋاپكار قXX، سXXلەر بىرلىشىپ،توردا ئالدامچىلىق قىلىپ، پۇل تېپىپ خەجلەشنى مەسلىھەتلىشىپ ،ئۆزلىرىنىڭ 13070014380 نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى،XX 22بولغان ۋە XXXXXXXXX180 نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى:XX ، ئۈندىدار ئىسمى :XX بولغان ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ۋە ئۈندىدار توپلىرىدا «جىفۇباۋنىڭ خۇابېيدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان پۇل سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان،2019- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى كورلا شەھىرى XX يېزىسى XX كەنتى XX- گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مXX جاۋاپكارلار تارقاتقان يۇقارقى ساختا، ئېلان-ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ،ئۇنى قوشقاندىن كېيىن .جاۋاپكار قXX ۋە سXX قاتارلىقلار زىيانلانغۇچى مXXنى «جىفۇباۋنىڭ خۇابېيدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان پۇل سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ئۆزىگە ئىشەندۈرۈپ،ئۇنىڭ 500يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، خەجلەپ تۈگەتكەن.دېلو پاش بولغاندىن كېيىن،جاۋاپكار سXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىقتىسادى زىياننى تۆلەپ قايتۇرغان. دىلونىڭ قىممىتى: 500 يۈەن.
2-قېتىم: جاۋاپكار قXX، سXXلەر توردا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ XXXXXXXX130 نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى،XX 22بولغان ئۈندىدار ئىسمىXXبولغان ۋە XXXXXXXX180 نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى: ، sXXئۈندىدار ئىسمى :XXبولغان ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ۋە ئۈندىدار توپلىرىدا«جىفۇباۋنىڭ خۇابېيدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان پۇل سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقاندىن كېيىن، 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 28-كۈنى كورلا شەھىرى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپوس XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مXX ،جاۋاپكار تارقاتقان يۇقارقى ساختا، ئېلان-ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ، قۇشۇۋالغاندىن كېيىن،جاۋاپكار قXX ، سXXلەر زىيانلانغۇچى مXXنى «جىفۇباۋنىڭ خۇابېيدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان پۇل سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ئالداپ ۋە XXXXXXXX180 نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان،ئۈندىدار نۇمۇرى: sXX، ئۈندىدار ئىسمى : XX بولغان ئۈندىدارنىڭ پۇل قۇبۇل قىلىش ئىككىلىك كودىنى ئەۋەتىپ 570 يۈەن رەسمىيەت ھەققى ئالغاندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى مXXنىڭ ئۈندىدارىنى يۇيىۋەتكەن، ئالداپ ئېلىۋالغان 570 يۈەن پۇلنى ،جاۋاپكارلار بىرلىكتە خەجلەپ تۈگەتكەن.دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى زىياننى جاۋاپكار سXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۆلەپ قايتۇرغان. دىلونىڭ قىممىتى: 570 يۈەن.
3-قېتىم: جاۋاپكار قXX، سXXلەر توردا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەشنى مەسلىھەتلىشىپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ XXXXXXXX 130نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى، XX: ئۈندىدار ئىسمىXXبولغان، ۋە XXXXXXXX 180نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى: ، sXXئۈندىدار ئىسمى :XX بولغان ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ۋە ئۈندىدار توپلىرىدا «كىچىك تىپتىكى ئىككىنچى قول ماشىنىلارنى ساتىمەن» دەپ ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. خوتەن ناھىيىسى XX يېزىسى XX كەنتى XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئاXX،جاۋاپكارلار تارقاتقان يۇقارقى ساختا، ئېلان-ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ۋە ئۈندىدار نۇمۇرى، XX: ئۈندىدار ئىسمىXXبولغان ئۈندىدارنى قۇشىۋالغان. جاۋاپكار قXX ، سXXلەر زىيانلانغۇچى ئاXXغا «ئەرزان باھادا خوندا ماركىلىق، ياگىر تىپلىق ماشىنا سېتىپ بېرىمەن» دەپ ئۆزىگە ئىشەندۈرۋالغان ۋە XXXXXXXX180 نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى: ، sXXئۈندىدار ئىسمى :XX بولغان ئۈندىدارنىڭ پۇل قۇبۇل قىلىش ئىككىلىك كودىنى ئەۋەتىپ 2000يۈەن زاكالەت ھەققى ئالغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ ئۈندىدارىنى يۇيىۋەتكەن، ئالداپ ئېلىۋالغان 2000 يۈەن پۇلنى جاۋاپكارلار بىرلىكتە خەجلەپ تۈگەتكەن(دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادى زىياننى جاۋاپكار سXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۆلەپ قايتۇرغان)، دىلونىڭ قىممىتى: 2000 يۈەن.
4-قېتىم: جاۋاپكار قXX، سXXلەر توردا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەشنى مەقسەت قىلىپ، 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ XXXXXXXX130 نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى، XX: ئۈندىدار ئىسمىXXبولغان، ۋە XXXXXXXX180 نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى: ، sXXئۈندىدار ئىسمى :XXبولغان ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ۋە ئۈندىدار توپلىرىدا «كىچىك تىپتىكى ئىككىنچى قول ماشىنىلارنى ساتىمەن، جىفۇباۋنىڭ خۇابېيدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان پۇل سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېرىمەن » دەپ ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. باغراش ناھىيەسى XX يېزىسى XX-چوڭ ئەترەتXX -كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مXX جاۋاپكارلار تارقاتقان يۇقارقى ساختا، ئېلان-ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ، ئۈندىدارنى قۇشىۋالغان. جاۋاپكار قXX ۋە سXX قاتارلىقلار زىيانلانغۇچى مXXنى «جىفۇباۋنىڭ خۇابېيدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان پۇل سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ئۆزىگە ئىشەندۈرۋالغان ۋە XXXXXXXX180 نۇمۇرلۇق يانفۇن كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىنغان، ئۈندىدار نۇمۇرى: ، sXXئۈندىدار ئىسمى :XX بولغان ئۈندىدارنىڭ پۇل قۇبۇل قىلىش ئىككىلىك كودىنى ئەۋەتىپ205يۈەن رەسمىيەت ھەققى ئالغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى مXXنىڭ ئۈندىدارىنى يۇيىۋەتكەن، ئالداپ ئېلىۋالغان 205 يۈەن پۇلنى جاۋاپكار قXX بىلەن سXX بىرلىكتە خەجلەپ تۈگەتكەن (دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ،ئىقتىسادى زىياننى جاۋاپكار سXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۆلەپ قايتۇرغان)، دىلونىڭ قىممىتى: 205يۈەن.
5-قېتىم: جاۋاپكار قXX، نXX(خېجىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىندى) قاتارلىقلار توردا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەشنى مەقسەت قىلىپ، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 03-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى: KXX، nXX بولغان ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە«ئۈندىدارىنى قۇشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىككىلىك كودنى چىقىرىپ ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىمەن، قەرىز بىجىرىمەن، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىجىرىمەن » دەپ ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. خېجىڭ ناھىيە XX يېزىسى XX كەنىتXX–گۇرۇپ XX-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى خXX،جاۋاپكار تارقاتقان يۇقارقى ساختا، ئېلان-ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ۋە ئۈندىدار نۇمۇرى: KXX بولغان ئۈندىدارنى قۇشىۋالغان. جاۋاپكار قXX ۋە نXXلار،زىيانلانغۇچى خXXنى «مەن سىزگە قەرىز بىجىرىپ بېرەلەيمەن» دەپ ،زىيانلانغۇچى خXXقا5000يۈەن قەرىز بىجىرىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ 400يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغان 400يۈەن پۇلنى جاۋاپكار قXX بىلەن نXX بىرلىكتە خەجلەپ تۈگەتكەن .دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن، دىلونىڭ قىممىتى: 400يۈەن.
6-قېتىم:جاۋاپكار قXX، نXX(خېجىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىندى) قاتارلىقلار توردا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەشنى مەقسەت قىلىپ، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 05-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى: NXX ،KXXبولغان ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە «ئۈندىدارىنى قۇشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىككىلىك كودنى چىقىرىپ ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىمەن، قەرىز بىجىرىمەن، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىجىرىمەن » دەپ ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. خېجىڭ ناھىيە XXبازىرىXX رايۇنىXX-بىنا XX-كورپوس XX-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى رXX، جاۋاپكارلار تارقاتقان يۇقارقى ساختا، ئېلان-ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ۋە ئۈندىدار نۇمۇرى: KXX بولغان ئۈندىدارنى قۇشىۋالغان. جاۋاپكار قXX ۋە نXX قاتارلىقلار زىيانلانغۇچى رXXنى «مەن سىزگە ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىپ بېرەلەيمەن» دەپ ئۆزىگە ئىشەندۈرۋالغان ھەمدە زىيانلانغۇچى رXXغا30000يۈەنلىك ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ 828يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغان 828يۈەن پۇلنى جاۋاپكار قXX بىلەن نXX بىرلىكتە خەجلەپ تۈگەتكەن .دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. دىلونىڭ قىممىتى: 828يۈەن.
7-قېتىم:جاۋاپكار قXX توردا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەشنى مەقسەت قىلىپ، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى: KXX بولغان ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە «ئۈندىدارىنى قۇشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىككىلىك كودنى چىقىرىپ ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىمەن، قەرىز بىجىرىمەن، ۋاكالىتەن قاتناش شوپۇرلۇق كىنىشكىسى،يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىجىرىمەن » دەپ ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. چىرا ناھىيە XX يېزا XXكەنتى XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مXX ،جاۋاپكارلار تارقاتقان يۇقارقى ساختا، ئېلان-ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ۋە ئۈندىدار نۇمۇرى: KXX بولغان ئۈندىدارنى قۇشىۋالغان. جاۋاپكار قXX زىيانلانغۇچى رXXنى «مەن سىزگە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىجىرىپ بېرەلەيمەن» دەپ ئۆزىگە ئىشەندۈرۋالغان ھەمدە زىيانلانغۇچى مXXغا2000يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزىگە ئەۋەتكۈزۈپ ،زىيانلانغۇچى مXXنىڭ 2000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغان2000يۈەن پۇلنى ،جاۋاپكار قXX ئۆزى يالغۇز خەجلەپ تۈگەتكەن.دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. دىلونىڭ قىممىتى: 2000يۈەن.
8-قېتىم: جاۋاپكار قXX توردا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەشنى مەقسەت قىلىپ، 2018-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى: wxid-XXبولغان ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە«ئۈندىدارىنى قۇشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىككىلىك كودنى چىقىرىپ ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىمەن، قەرىز بىجىرىمەن، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىجىرىمەن » دەپ ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. كۇچار ناھىيە XXيېزا XX كەنىتXX-گۇرۇپپاXX -نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى گXX جاۋاپكار قXX تارقاتقان يۇقارقى ساختا، ئېلان-ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ۋە ئۈندىدار نۇمۇرىwxid-XX:بولغان ئۈندىدارنى قۇشىۋالغان. جاۋاپكار قXX «مەن سىزگە ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىپ بېرەلەيمەن» دەپ ئۆزىگە ئىشەندۈرۈپ، زىيانلانغۇچى گXXغا30000 يۈەنلىك ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ 380يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغان 380يۈەن پۇلنى جاۋاپكار قXX ئۆزى يالغۇز خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. دىلونىڭ قىممىتى: 380يۈەن.
جاۋاپكارلارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، ئېنىقلاش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى ۋە جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار قXX. سXXلەر ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار قXX، سXXلەر بىرلىشىپ، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە،ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇروپ، يالغان پاكىت ئويدۇروپ،قXX 8 قېتىمدا باشقىلارنىڭ 6883 يۈەن پۇللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى،جاۋاپكار سXXنىڭ 4 قېتىمدا باشقىلارنىڭ 3275 يۈئەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى ،«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-25-ماددىسىغا خىلاپ بولۇپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسەن ، جاۋاپكار قXX،سXXنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۈكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : يۈسۈپجان مەمەت
ھەمراگۈل ياسىن
2020- يىلى4- ئاينىڭ 29- كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى 3 توپلام ، 15نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .
(2) جاۋاپكار قXX ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا.سXX ئائىلىسىدە بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۋاتىدو.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论