欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(怕某某危险驾驶案)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                             ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش  (2020) 778 - نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

 جاۋاپكار پ X X، ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529271995XXXXXXX، تۇلۇقسىز مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئۇچتۇرپان ناھيىسى، ئاقسۇ شەھەر X X يولى X X - نۇمۇر X X ئائىللىكلەر قوروسى X X - بىنا X X - كۇرپۇس X X - نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى ئۈچۈن 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان. 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى (2020) 1171- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلىپ، جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020- يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 04:51 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار پ X X ئاقسۇ شەھەر X X يولىدىكى X X ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويغان 新N9XXXX نۇمۇرلۇق ئاپتۇموبىلنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن  新N9XXXX نۇمۇرلۇق ئاپتۇموبىلنى مەست ھالەتتە پىراۋىسىز ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر X X بىكەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلارنى كۈرۈپ قېچىپ ماڭغاندا، ساقچىلار قوغلاپ تۇتىۋالغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار پ X X نى ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قېنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، جاۋاپكار پ X X نىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 231.08 مىللىگىرام بۇلۇپ (100ml/231.08mg) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن. 

شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 4265- نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدا « پ X X نىڭ ھەر 100 مىللىلىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 231.08 مىللىگىرام (100ml/231.08mg) » دەپ بىكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش - تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار پ X X يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن يۇقارقى قىلىمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، جاۋابكار پ X X قىلمىشىنى ئەيىنەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋابكار پ X X نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە X X ئاي X X كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە X X يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.       

     

تەپتىش : ئېرپان ھامۇت

    تەپتىش :  ئالىمجان ئېزىز

  2020- يىلى 12- ئاينىڭ  3- كۈنى

ئىزاھات:

(1) جاۋاپكار ئائىلىسىدە كىپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى: 1879991XXXX

(2) 8 نۇسخا ئەيىپنامە، جىنايەتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top