欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(扎某某诈骗案)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                 ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش 1-بۈلۈم (2020)124 -نۇمۇرلۇق

   ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار XX ،ئەر، ئۇيغۇر، 22 ياش، سالاھىيەت گۇۋاھنامە نۇمۇرى: XX،تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئۇچتۇرپان ناھيەسى،توختۇتۇپ قۇيلۇشتىن ئىلگىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيە XXنۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ياغاچچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 20- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان.مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەسىتىقىلىشى بىلەن 2020-يىلى 4- ئايىنىڭ 28-كۈنى قولغا ئېلىنىغان.

    ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ،بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار XX باشقىلارنى ئالداپ پۇلىنى ئېلۋېلىش مەقسىدىدە XX نۇمۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق، 2020-يىلى1-ئاينىڭ باشلىردا، ئۈندىدار دوسىتلار چەمبىركىگە ۋە ئۈندىدارىدىكى توپلارغا «توردا قەرىز بىجىرىپ بىرىمەن، ئالدىن رەسمىيەت ھەققى ئالمايمەن، قەرىز پۇل چۈشكەندىن كىيىن رەسمىيەت ھەققى بەرسەڭلار بۇلۇدۇ»دەپ يالغان ئۇچۇر تارقاتقان، شۇنۇڭ بىلەن قەرىز پۇلغا ئېھتىياجى بارلار ئۇچۇرنى كورگەندىن كىيىن جاۋاپكار XXنى ئۈندىدارىغا قاچلاپ، قەرىز بىجىرمەكچى بولۇپ،جاۋاپكار XXنىڭ تەلىپى بۇيچە كىملىك نومۇرى،بانكا كارتا نومۇرى،تىلپۇن نومۇرى ۋە دەلىللەش نومۇرلىرنى تەمىنلەپ بەرگەندىن كىيىن،جاۋاپكار XX 2020-يىل1-ئاينىڭ 12-كۈنى زىيانلانغۇچى YYنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 510 يۈەن پۇلنى، 2020-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى زىيانلانغۇچى YYنىڭ بانكا كارتىسىدىن 500 يۈەن پۇلنى، 2020-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا زىيانلانغۇچى YYىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 1880 يۈەن پۇلنى،2020-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى زىيانلانغۇچى YYنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 1000 يۈەن پۇلنى، 2020-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى زىيانلانغۇچى YYنىڭ بانكا كارتىسىدىكى1100 يۈەن پۇلنى، 2020 -يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى زىيانلانغۇچى YYنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 2000 يۈەن پۇلنى  جىفۇباۋ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكەپ ئەچقىپ، زىيانلانغۇچلارنى شۇ ھامانلا ئۈندىدارىدىن يۇيۇپ چىقىرۋېتىپ،جەمئى 6 قېتىمدا ئىرىشكەن 6990 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

   يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،باھالاشنامە ۋە ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز جاۋابكار XXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، جاۋاپكارنى ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋابكار XX جىنايىتىگە ئىقرار بۇلۇپ، جازا تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلغان قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،شۇڭا جاۋابكار XXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولغانلىغىنى نەزەرگە ئېلىپ، جىنايىتىگە مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ قۇشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسىغا ھۈكۈم قىلىش توغرىسدا تەكلىپ بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ«جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

                   تەپتىش      : WW

2020 - يىلى 6- ئاينىڭ 30–كۈنى

ئىزاھات:

1.جاۋابكار XX ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2. 8 نۇسقا ئەيىپنامە،ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسىى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، 1 دانە نۇر دېسكا، 1 توپلام دىلو ماتىريال بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top