欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(托某某、米某某涉嫌滥伐林木案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)281-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:  

1.جاۋابكار ت**،ئەر،ئويغۇر، **ياش، 19**-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 3013***65292519، ساۋاتسىز،دىھقان،*** ناھىيىسىدىن،توقسۇ ناھىيە *** يېزا *** كەنت1-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دەل – دەرەخلەرنى قالايمىقان كىسىش جىنايىتى بىلەن  بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بىرىلگەن . 

2.جاۋابكار م***،ئەر، ئويغۇر،** ياش،**19-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 65292519***02593،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە،دىھقان،** ناھىيىسىدىن،**ناھىيە ** * بازىرى ** كەنت2-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دەل – دەرەخلەرنى قالايمىقان كىسىش جىنايىتى بىلەن  بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بىرىلگەن . 

 جاۋابكار ت**،م**نىڭ دەل- دەرەخلەرنى كەلسە- كەلمەس كىسىش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 82–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارلارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

   جاۋاپكار ت**،م**لار 2019- يىلى 12-ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 1 لەر ئەتراپىدا،توقسۇ ناھىيە** يېزا ** كەنت 1- گوروپلۇق ئا**نىڭ توقسۇ ناھىيە ** يېزا ** كەنت تەۋەسىدىكى تۈشۈك ئېرىق دىگەن جايغا جايلاشقان شىمالدىن جەنۇپقا سۇزۇلغان ئورمان بەلبىغىدىكى 72 تۈپ شىنجاڭ تېرىكى بىلەن ئاق تىرەكنى ت**بىلەن م** ئىككىسى كىسىپ بىرىدىغانغا، بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭ تېرىكىنى ت** بىلەن م** 1800 يۈەنگە سېتۋېلىپ يۆتكەپ ساتىدىغان،ئاق تىرەكنى ئورمان ئىگىسى ئ**ىڭ پايدىلىنىشىغا قالدۇردىغانغا،ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ئورمان كىسىش ئىجازاتنامىسىنى ت**بىلەن مى** بېجىردىغان بۇلۇپ ئا** بىلەن دىيىشكەن ، لىكىن ت** بىلەن م** ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ئورمان كىسىش ئىجازاتنامىسىنى بېجىرماي تۇرۇپ ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە يۇقارقى جايدىكى ئۇمۇمى زاپىسى 23.6389 كوپ مىتىر (بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇپ قالغان 4 تۈپ ئورمان زاپىسى  1.4084كۇپ مىتىر) بولغان 72 تۈپ ئورماننى قانۇنسىز ھالدا قالايمىقان كەسكەن. 

 يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن- سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار. 

مەھكىممىز، جاۋابكار ت**، م**لارنىڭ قىلمىشىدىن دەل – دەرەخلەرنى كەلسە- كەلمەس كىسىش  جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ت**، م**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 345-ماددا 2- تارماق ، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك،جاۋاپكارت**، م**غا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قۇشۇمچە 1000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق،قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : ئۆمەر قادىر 

تەپتىش : مارىگۈل ئەنۋەر

                 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى

قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر تئائىلسىدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى،15 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە  پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top