乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕104号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 104-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XX652927، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزا X-كەنىت X-مەھەلە XX-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تXXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، دېلو بىجىرىش سۈرۈكى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى، دېلودا تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك تەرەپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار تXX 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 16:00 ئەتراپىدا XX يېزا بازىرى ئىچىدىكى سXXنىڭ ھاراق دۇكىنىدا دوستى ئەXX، تXX بىلەن تاماق يەپ ئولتۇرغان ھەم جاۋابكار تXX بىلەن شۇ سورۇندىكى تXX ئىككىسى بىر بوتۇلكا ئاق ھاراقنى ئىچىپ، سائەت 17:00 ئەتراپىدا ھاراق دۇكىنىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن، جاۋابكار تXX ھاراق دۇكىنىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان XX نۇمۇر تاختىسى ئېسىلغان، ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى پىراۋىسى يوق ھالەتتە ھەيدەپ، 10 مىتىر ئەتراپىدا ماڭغاندا، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.
ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، « تXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 96.75 مىللىگىرام» دەپ بىكىتكەن.
جاۋابكار تXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە قاتناش باشقۇرۇش تەرتپىنىڭ دەخلى تۇرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، بىر نۇسقا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، تېلىفۇن نومۇرى XX .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论