欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(托某某盗窃案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

   ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020)  479 - نومۇرلۇق

 ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

   جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXX3215، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، XXشەھىرى XX يېزا XX كەنىت X-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دېھقان، ساۋاتسىز، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى  (2020) 761-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ   قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

 جاۋابكار تXX 2020-يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 21 لەر ئەتىراپىدا Xبازىرى XXيولىغا جايلاشقان سەي بازىرىنىڭ ئىچىدە ھاراق ئىچىپ 22 لەر ئەتىراپىدا سەي بازىرىنىڭ ئىچىدىن يېنىپ چىقىپ، سەي بازىرىنىڭ مەرھابا يولىغا جايلاشقان XXئەسلىمە گىرىم بۇيۇملرى دۇكىننىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ  ئىككى چاقلىق، قىزىل رەڭلىك، 2784 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە توكسكلىتنى ئوغۇرلاپ، XXبازىرى XXيولىغا جايلاشقان XXشىركىتى ماي قاچلاش پونكتىنىڭ يېندىكى تXXنىڭ موتوسكلىت رىمۇنىت قىلىش دۇكننىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ئاپىرىپ، شۇ دۇكاندا توكسكلتنىڭ قۇلپىسىنى ئالماشتۇرۇپ، XXشەھەر XXيېزىسسى XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر ئۈيىگە مىنىپ ئەكەتكەن. دېلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش :تXX

تەپتىش : ئاXX

2020- يىلى  9- ئاينىڭ 22-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top