欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(斯某某涉嫌交通肇事案)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 302-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:  

جاۋابكار ئ**، ئەر، ئۇيغۇر، 21ياش،** 19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2016********652925، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، توقسۇ ناھىيسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئۇرۇن توقسۇ ناھىيە ئ** يېزا ب** كەنىت *-گوروپ، ھازىرقى ئولتۇرغى توقسۇ ناھىيە قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايۇنى *-بىنا *-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 23-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسسى جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

جاۋابكار ئ**نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 165–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھۇقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردى. 

 قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:

جاۋابكار ئ** 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 18دىن 30 مىنۇت  ئۆتكەن ئەتىراپىدا 新29-46525 نۇمۇرلۇق ئوتتۇرا تىپلىق تېرەكتۇرنى پىراۋسىز ھەيدەپ،تېرەكتۇرنىڭ سول تەرەپ دەسىگۈچىگە ۋاڭ** چىقىرىپ، توقسۇ ناھىيە ئې** بازار ت** كەنتىدە شەرقىدىن غەربكە يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۈپ توقسۇ ناھىيە ئ** بازار ت** كەنت *-گوروپ تەۋەسىگە كەلگەندە، ۋاڭ ** دەسسەپ تۇرۋاتقان تېرەكتۇرنىڭ دەسسىگۈچى سۇنۇپ كىتىپ ۋاڭ **تېرەكتۇردىن يىقىلىپ چۈشۈپ كىتىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدا ئۈلۈپ كەتكەن.

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 652925202004278- نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسسى ئىتراپنامىسىدا، ئ** بۇ قېتىمقى ھادىسىدە تۇلۇق مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ مەسئۇليەت بېكىتكەن.

توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ 2020- يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى (2020)12- نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدا : ئۆلگۈچى ۋاڭ**نىڭ باش قىسىمى ئەتراپى بىسسسز سىرتقى كۈچ (بېسىلغاندىكى كۈچ) نىڭ تەسىرىدىن قورساق قىسمى ئېچىلىش خارەكتىرلىك زەخمىلىنىپ قىسقا مۇددەتتە كۆپ مىقداردا قانسىراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،  قانسىراش خارەكتىرلىك شۈك بۇلۇپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقىرىلغان . 

يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . 

مەھكىممىز، جاۋابكار ئ**نىڭ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ئ**غا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ133- ماددىسى، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار ئ**غا مۇددەتلىك 1 يىل 6ئايلىق قاماق جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 

تەپتىش : يولداش جۈمە 

تەپتىش : مارىگۈل ئەنۋەر

                 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى

 

 

قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى ، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، 1 دانە  پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى .③ دىلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسىمى ئاخىرلاشمىغان .

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top