欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(日某某交通肇事案)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

                               ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020)171-نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار رX ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1992-يىلى **–ئاينڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى : ******** 6529231992، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كەسپى : شوپۇر ، شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدىن ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى :شىنجاڭ كۇچا ناھىيە ** يېزا ** كەنىت ** -گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق قورو ، ئىلگىرى جازالانمىغان .

قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن ، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 03-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 61-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار رXنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى دىلوسىنى 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 01-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى ،يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

2019-يىلى 09-ئاينىڭ 05-كۈنى 03:20 مىنۇتلار ئۆتكەندە ،  جاۋابكار رX **** B 新 نۇمۇرلۇق ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى كۇچا ناھىيە ***-لىنيە يۇلىدا شىمالدىن- جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ ** يۇلى بىلەن كىسىشكەن يول ئېغىزىغا كەلگەندە ، شۇ يولدا يولنى توغرىسىغا كىسىپ پىيادە مىڭىۋاتقان ئەX بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەن ، نەتىجىدە ئەX نەق مەيداندا ئۈلۈش ، بىر قاتناش ۋاستىسىسى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان . 

كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى جەسەت تەكشۈرۈش باھالاش پىكرىدە : ئۆلگۈچى ئەXنىڭ ئۈلۈش سەۋەبى قاتناش ھادىسىسىدىن باش قىسمى يېپىق خارەكتىرلىك ، كۆكرەك قىسمى ئېچىلىش خارەكتىلىك  زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ بېكىتىلگەن .

كۇچا ناھيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا :رX يۇقارقى ھادىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ئەX يۇقارقى ھادىسىدىكى قۇشۇمچە مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن .

دىمەك ، جاۋابكار رXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادسىىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاش پىكرى ، تەكشۈرۈش ئېنىقلاش خاتىرسى ، ئۈن - سىن ماتىرياللىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ . جاۋابكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز يول–قاتناش تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە جامائەت بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار رXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارماقتىكى ، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.  

ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش: گۈزەلنۇر ئەخمەت 

                           2020-يىلى 04-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار رX ھازىر ئائىلىسىدە . 

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى ، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسى  بىرگە يوللاندى .       

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top