شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 588-نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار رX ، ئايال ، ئويغۇر ، 1990-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : ******** 6529231990، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، ئىشچى ، شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايى : كۇچا ناھىيە ** بازىرى ** كەنت *-گوروپ **-نومۇرلۇق قورو ، ئىلگىرى جازالانمىغان .
ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕 20077-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار رXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 01-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى ، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
1-پاكىت : 2019-يىلى 08-ئايدا جاۋابكار رX كۇچا ناھىيە ** بازىرى ** كەنتنىڭ كەنت دوختۇرلۇق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە كەنت ئاھالىسى ق*نىڭ داۋالىنىش كارتىسىنى ( بانكا كارتىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئامانەت قەرز كاپراتىۋىدىن بېجىرغان كارتا) ئارخىپ تۇلۇقلايمەن دەپ سوراپ ئېلىپ چىقىپ 2019-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە كۇچا ناھىيە ياقا بازارلىق يېزا ئامانەت قەرز كاپراتىۋىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ، ياقا بازىرىدىكى « خو خو تاللا بازىرى» نىڭ پوس ئاپاراتى ، ياقا بازىرىدىكى « جى فا تاللا بازىرى» نىڭ پوس ئاپاراتى ، كۇچا ناھىيە جىن چياۋ تاللا بازىرىنىڭ يېنىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق كۆپ قېتىمدا جەمىئي 19820 يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ بىر قىسمىنى خەجلىگەن ، بۇنىڭدىن 3500 يۈەننى 2019-يىل 09-ئاينىڭ 09-كۈنى قاسىم ئابدۇلنىڭ داۋالىنىش كارتسىغا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش-قۇيۇش ماشىنىسىنىڭ كارتىسىز پۇل ئامانەت قۇيۇش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئۇرىۋاتقان ، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
-2پاكىت : 2019-يىلى 08-ئاي مەزگىلىدە جاۋابكار رX كۇچا ناھىيە ** بازىرى ** كەنتنىڭ كەنت دوختۇرلۇق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە زىيانلانغۇچى بXنىڭ ئۈيىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن سۇغۇرتا كارتىسىنى ( بانكا كارتىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئامانەت قەرز كاپراتىۋىدىن بېجىرغان كارتا ) قان بېسىم ئارخىۋىنى ئىشلىمەكچى ئىدۇق ، دەپ يالغان گەپ قىلىپ سوراپ ئاچىققاندىن كېيىن كۇچا ناھىيە ياقا بازارلىق يېزا ئامانەت قەرز كاپراتىۋىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق مەخپى نومۇرىنى ****** دەپ كىرگۈزۈپ كارتىنى ئېچىپ كارتىدىن 1000 يۈەن پۇلنى ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن ، پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كارتىنى ئەتىسى زىيانلانغۇچى بXنىڭ ئۈيىگە ئەكىرىپ بەرگەن ، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
3-پاكىت : 2019-يىلى 08-ئاي مەزگىلىدە جاۋابكار رX كۇچا ناھىيە ** بازىرى ** كەنتنىڭ كەنت دوختۇرلۇق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە زىيانلانغۇچى سXنىڭ ئۈيىگە كىرىپ سۇغۇرتا كارتىسىنى ( بانكا كارتىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئامانەت قەرز كاپراتىۋىدىن بېجىرغان كارتا ) ساغلاملىق ئارخىۋىنى ئىشلەيمىز ، دەپ يالغان گەپ قىلىپ سوراپ ئاچىققاندىن كېيىن كۇچا ناھىيە ياقا بازارلىق يېزا ئامانەت قەرز كاپراتىۋىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق مەخپى نومۇرىنى **** دەپ كىرگۈزۈپ كارتىنى ئېچىپ سXنىڭ كارتىسىدىن 1700 يۈەن پۇلنى ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن ، پۇلنى ئېلىپ بولغان كارتىنى ئەتىسى زىيانلانغۇچى سXنىڭ ئۈيىگە ئەكىرىپ بەرگەن ، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
دىمەك ، جاۋابكار رXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن كىردىت كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .
يۇقارقى پاكىتنى ماددى ئىسپات ، يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاش يەكۈنى ، تەكشۈرۈش ئېنىقلاش خاتىرسى ، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ . جاۋابكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار رXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 196-ماددا 1-تارماق ، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ، جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: گۈزەلنۇر ئەخمەت
2020-يىلى 06-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار رX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى ، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论