欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(曼某某危险驾驶案)

2021-09-24 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبنامىسى

                                          ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 44- نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

  جاۋابكار م****، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1812********652101 ، تۇرپان شەھەر ** بازار ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى، دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى كېپىلگە بېرىلگەن.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار م****نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش پەيدا قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلدۇق، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى  ئاخىرلاشتۇردۇق.

مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :

2019-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 22:00 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار م**** ھاراق ئىچىپ، B2Dتىپلىق پىراۋىسى بىلەن ئۆزىنىڭ 新K****A نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ئىدىقۇت رايون ** يولدا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ **نىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 7246-نۇمۇرلۇق ئىسپىرىت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكلاتىدا «م****نىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر تەركىبىدە 195 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار م****نىڭ جىنايتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جىنايى قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرىدۇ.

يۇقارىقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : دېلو مەلۇم قىلىش جەدىۋىلى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2019-يىللىق 7246-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار م****نىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھاراق ئىچكەندىن مەست ھالەتتە يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكار م****ننى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. جاۋابكار م****نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتىگە ئىككى ئايدىن يۇقىرى ئۈچ ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا، جاۋابكار م****نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176- ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                        تەپتىش : رابىگۈل تۇرسۇن

  2020-يىلى 01-ئاينىڭ 23-كۈنى                      

                        

قوشۇمچە:

1. بۇ دېلو 3 توپلام        بەت.

2. جاۋابكار م**** كېپىللىكتە

3. دېلونىڭ بارلىق ئارخىپ ماتىرياللىرى بىلەن 8 پارچە ئەيىپنامە، بىر دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.

4. جاۋابكار م****نىڭ تۆۋىنامىسى بىر نۇسخا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top