欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某交通肇事案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕567号 

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                     ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020]   -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار مۇXX، ئەر، ئۇيغۇر،XX 19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXXXXXXXX 65292219 ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، شىنجاڭ XXناھىيە XXبازار XXكەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، مۇگار ئاخنىياز ھازىر ئائىلىسىدە.

ئۇنسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار مۇXX چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 10–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 12–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە: 

جاۋابكار مۇXX2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 3 دىن 30 مىنۇتلار ئەتىراپىدا، پىراۋىسىز ھالەتتە، نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتقا نۇXX، ئاXX قاتارلىقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ، XXناھىيە XXبازار XXكەنىتXX-مەھەللە يول بۆلىكىدە كېتىۋاتقاندا، يولدا ياتقان دXXنى بېسىپ ئۈتۈپ كەتكەن. نۇXX بىلەن ئاXX زەخملەنگەن. يول قاتناش ھادىسسى كىلىپ چىققان. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن نۇXX بىلەن ئاXX دوختۇرخانغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كىيىن مۇXX موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. نەتىنجىدە دXX نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن. ھادىسىدە مۇXXغا بارلىق مەسئۇلىيەت بىكتىلگەن.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مۇXXنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 3-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار مۇXXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

                                      تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                                       پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز

                                 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكار مۇXX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top