欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-26 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕560号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىپنامە چىقىش (2020)560-نۇمۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مۇx، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ئىككى ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراپ قويۇشقا ھۈكۈم قىلىنغان، جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنمىغان مەزگىلدە يەنە جىنايەت سادىر قىلىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.  

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مۇxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دىلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار مۇx 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 16:00ئەتىراپىدا ئەx بىلەن xيېزا xئىچىىدىكى دۇكاندا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 22:30 ئەتراپىدا دۇكاننىڭ يېنىغا توختىتىپ قويغان 新xنۇمۇرلۇق xماشىنىسىنى xيېزا x-كەنت x-مەھەللىدىكى ئۆيىگە پىراۋىسىز مەست ھالدا ھەيدەپ مېڭىش جەريانىدا، ماشىنىنى بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە ھەيدىگەنلىكتىن شۇ ئەتراپتا چارلاۋاتقان ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقالغان. 

ئەدىليىلىك باھالاش پىكرىدە، مۇxنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 184.87 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن.

دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مۇxنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. جاۋابكارنىڭ قېنىدىن تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئىسپىرىت مىقدارى، ئاپتوموبىل ھەيدەش سالاھىيىتى يوقلىقى، ئىلگىرى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازاغا ھۈكۈم قىلىنغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپكە ئاساسەن جاۋابكارغا 4 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 9000 يۈەن شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ

پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە،تېلفۇن نۇمۇرى: x

(3) جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top