欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕332号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                     ئو ت ئەيىبلەش (2020)   -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار مۇXX، ئەر،XX 19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى:XXXXXXXXXX 65292219 ، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگە ئىگە، دىھقان، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. جىنايەت گۇماندارى مۇXX خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرلگەن.

ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار مۇXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئاددى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

1.جاۋابكار مۇXX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 21 دىن 34 مىنۇت ئەتىراپىدا، مەست ھالەتتە ئۆزنىڭ 新N6BXXX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتۇسىكلىتنى ھەيدەپ، XX ناھيە XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللە  يول بۆلىكىدە كىتۋاتقاندا، XX ساقچىخانا ساقچلىرى تەرپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. جىنايەت گۇماندارى مۇXXنىڭ ۋېنا قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml179.69 بولۇپ باھالانغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار مۇXXنىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىنى شەكىللەندۈردۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

جاۋابكار مۇXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار مۇXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                          تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                           پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز

                      2020-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋابكار مۇXX ھازىرئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top