欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某危险驾驶案)

2021-09-21 独角龙 评论0

تۇرپان شەھىرى

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                       

                              ئى ر ت 1-ب چىقىش (2020) 101 - نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

    جاۋاپكار مxx ,ئەر، ئۇيغۇر، 1993-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:6521011993********، نوپوسىدىكى ئادرىسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ** يېزىسى **  كەنت**-گۇرۇپپا**-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،دېھقان، ئامما، بۇرۇن جازالانمىغان. ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر جەمىيەتتە.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار مxxنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، جاۋاپكار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە : 

 2020-يىلى 01-ئاينىڭ01-كۈنى سائەت 01:30لار ئەتراپىدا جاۋاپكار مxx ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ئۆزىنىڭ新KA5**6  نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ئىدىقۇت رايۇن داخىيەن بازىرى  ئاھالىلەر ئولتۇاق رايونى ئىچىدە ھەيدەپ ماڭغاندا، شۇ جايدا تۇختۇتۇپ قۇيۇلغان ماشنىغا سۇقۇلغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ [2020]569-نۇمۇرلۇق قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش پىكىرنامىسىدە:«مxxىنىڭ قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر يۈز مىللىمىتېر قان سۇيۇقلىقىدا 223 مىللىگىرام» دىيىلگەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار؛ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛ باھالاش پىكىرنامىسى  قاتارلىقلار بار.

جاۋاپكار مxxنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار مxxنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكار مxxنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا جاۋاپكارغا 2 ئايدىن يۇقىرى 4 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراق قۇيۇش تەكلىۋى بېرىمىز. شۇڭا،جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176- ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                       تەپتىش : گۈلقىز  زۇنۇن

                                   ياردەمچى تەپتىش: ئىززەتگۈل نىياز                      

                                   2020-يىلى 6 -ئاينىڭ 16 -كۈنى

قوشۇمچە:

1. جاۋاپكار مxx كېپىلدە.

2. دىلو ئارخبى ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ئېلىنغان بىر دانە دېسكا قاتارلىقلار بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top