和静县人民检察院
起 诉 书
和静县检一部刑诉〔2020〕86号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) 86-نومۇرلۇق
جاۋابكارم**، ئەر، ئۇيغۇر، 1986-يىلى **-ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6528271986*******، كەسپى: دېھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، بۇندىن بۇرۇن جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە** بازىرى** كەنت**-گۇرۇپپا**-نۇمۇر، 2019-يىلى 7 -ئاينىڭ 12-كۈنى خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن كىپىللىككە بېرىلگەن، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ** ناھىيە** بازىرى**كەنت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر،ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.
جاۋابكارم**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى . دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار م**مەزكۇر دىلودا تېز بىجىرىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
م** 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاغىنىللىرى ت**، ئا**، ئا** قاتارلىقلار بىلەن بىللە** بازىرىدىكى دەريا بويىدا ھاراق ئىچىكەن، سورۇن تۈگۈگەندىن كىيىن قايتىپ كىتىپ بازار ئىچىگە كىرىپ كاۋاپخانىغا بېرىپ يەنە داراملىق تاماق يىگەچ ھاراق ئىچكەن، تاماق يەپ ھاراق ئىچىپ بۇلۇپ چىققاندىن كىيىن دەريا بويىغا بېرىپ سۇغا چۈشۈپ كەلمەكچى بۇلۇپ ئۆزىنىڭ 新M***** نۇمۇرلۇق ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ ** ناھىيە ** بازىرى چوڭ تۆت كوچا يول بۆلىكىگە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچللىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قىلىپ قان ئېلىپ تەكشۈررۈلگەن.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدەلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاپ چىقارغان(2019) زەھەر باھالاش ****-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جىنايەت گۇماندارى م**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 152 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىكەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،باھالاشنامە، نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكارم**نىڭ قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدامەست ھالەتتە ھەيدىگەن قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار م**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
شۇڭا جاۋابكار م**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى
2020-يىلى 6-ئاينىڭ26-كۈنى
قوشۇمچە :
1.)جاۋابكار م** ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ ** ناھىيە **بازىرى** كەنت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر.ئالاقىلشش نۇمۇرى :
2) دىلو ئارخىۋى بىر توپلام.
3)ئەيىپنامە 8نۇسخا .
4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى 1 پارچە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论