شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 156-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، 39 ياش،سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : xxxxxxxx 6529011981،تۇللۇق كۇرۇس مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە،پارتىيە ئەزاسى، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى،ئاقسۇ شەھەر xx ئولتۇراق رايونى xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان . 2019-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى (2020) 547-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مۇxx 1- قېتىم : 2019- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھەرxx كوچىسى xxئارامگاھىنىڭ ئايرىمخانىسىدا گاۋ xx، چېڭ xx، لوxx قاتارلىقلار بىلەن مۇزسىمان زەھەر چەككەن؛ 2- قېتىم : 2019- يىل 8- ئايلار ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھەرxx كوچىسى xx ئارامگاھىنىڭ ئايرىمخانىسىدا گاۋ xx، چېڭ xx، لو xx قاتارلىقلار بىلەن مۇزسىمان زەھەر چەككەن ؛ 3- قېتىم : 2019- يىل 9- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھەرxx كوچىسى xxئارامگاھىنىڭ ئايرىمخانىسىدا گاۋ xx، چېڭ xx، لو xx، زېڭ xx قاتارلىقلار بىلەن مۇزسىمان زەھەر چەككەن ؛ 4-قېتىم : 2019-يىل 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھەرxx كوچىسىxx ئارامگاھىنىڭ ئايرىمخانىسىدا گاۋ xx، لو xx، زېڭ xx قاتارلىقلار بىلەن مۇزسىمان زەھەر چەككەن؛ 5- قېتىم : 2019- يىل 11- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھەر xx ئولتۇراق رايۇنى xx- بىنا xx- كورپۇس xx- نۇمۇرلۇق ئۆيىدە چېڭ xx، لو xx قاتارلىقلار بىلەن مۇزسىمان زەھەر چەككەن.
جاۋابكار مۇxx xx كوچىسى xxئارامگاھىنىڭ ئايرىمخانىسىدا ۋە ئاقسۇ شەھەر xx ئولتۇراق رايۇنى xx- بىنا xx- كورپۇس xx- نۇمۇرلۇق ئۆيىدە باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشى ئۈچۈن 5 قېتىم سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار مۇxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 354- ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار مۇxxنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار مۇxxنى باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىئمىن
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار مۇxx ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى : xxxxxx13565
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论