欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某涉嫌盗窃罪)

2021-09-22 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

توقسۇن تەپتىش 1- بولۇم ئەيىپلەش[2020] 138-نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     جاۋاپكار م**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0914********652123 تۇلۇق  ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى:** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ قوي باققۇچىسى، نوپوس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى  : شىنجاڭ ** ناھىيە** بازار ** كەنت *-گۇرۇپپا، سىياسىي قىياپىتى: ئامما، ئىلگىرى جازالانمىغان.

 جاۋابكار م** ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 12-كۇنى توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ،مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 15-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، ھازىر توقسۇن ناھىيىلىك قاماقخانىدا  قاماقلىق.

توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار م**نىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 08–ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى:

1.2020-يىلى 03-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتە جاۋاپكار م** ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ ، 1085يۈەن قىممىتىدىكى 40 كىلوگراملىق سەمرىتىدىغان قوي يېمىدىن 7 خالتا ،20 كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 5 خالتا، چارۋىلارغا ئىشلىتىدىغان 25 كىلوگراملىق تۇزدىن 2 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. 

2.2020-يىلى 03-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتە جاۋاپكار م**ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ، 1408يۈەن قىممىتىدىكى 50 كىلوگراملىق قوزىلىق  قوي يېمىدىن 8 خالتا، 20كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 5 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

3.2020-يىلى 03-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە جاۋاپكار م** ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ 1401.6 يۈەن قىممىتىدىكى 40 كىلوگراملىق سەمرىتىدىغان  قوي يېمىدىن 10 خالتا، 20كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 6 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

4.2020-يىلى 03-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە جاۋاپكار م**ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ ، 1475.2 يۈەن قىممىتىدىكى 40كىلوگراملىق سەمرىتىدىغان  قوي يېمىدىن 10 خالتا، 20 كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 7 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

5.2020-يىلى 03-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە جاۋاپكار م** ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ، 1475.2 يۈەن قىممىتىدىكى 40كىلوگراملىق سەمرىتىدىغان قوي يېمىدىن 10 خالتا،20كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 7 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

6.2020-يىلى 03-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە جاۋاپكار م**ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ، 1475.2 يۈەن قىممىتىدىكى 40كىلوگراملىق سەمرىتىدىغان  قوي يېمىدىن 10 خالتا، 20 كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 7 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

7.2020-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە جاۋاپكار م**ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ، 1408 يۈەن قىممىتىدىكى 50كىلوگراملىق قوزىلىق  قوي يېمىدىن 8 خالتا، 20كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 5 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

8.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 03-كۈنى چۈشتە جاۋاپكار م** ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ، 1408 يۈەن قىممىتىدىكى 50 كىلوگراملىق قوزىلىق  قوي يېمىدىن 8 خالتا، 20كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 5 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

9.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 07-كۈنى چۈشتە جاۋاپكار م** ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ، 1260.8 يۈەن قىممىتىدىكى 50 كىلوگراملىق قوزىلىق  قوي يېمىدىن 8 خالتا، 20كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 3 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

10.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتە جاۋاپكار م** ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ** ناھىيە **باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ، 1481.6 يۈەن قىممىتىدىكى 50 كىلوگراملىق قوزىلىق  قوي يېمىدىن 8 خالتا، 20كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 6 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

11.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتە جاۋاپكار م** ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ، 1142.4 يۈەن قىممىتىدىكى 40 كىلوگراملىق سەمرىتىدىغان قوي يېمىدىن 5 خالتا، 20كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 9 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

12.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە جاۋاپكار م** ئوغرىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ** ناھىيە ** باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەم-خەشەك ئىسكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرىپ، 1498.8 يۈەن قىممىتىدىكى 50 كىلوگراملىق قوزىلىق  قوي يېمىدىن 7خالتا، 20كىلوگراملىق قوزا يېمىدىن 8 خالتىنى ئۆزىنىڭ ماشىىنىسىغا بېسىپ ئوغرىلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.

جاۋاپكار م** جەمئىي 12 قېتىم ئوغرىلىق قىلغان بولۇپ،  كەلتۈرگەن ئىقتىسادى زىيان 16520يۈەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلدى.

    يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: دېلو قۇبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى، دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، توقسۇن ناھىيە مال-باھا مەركىزىنىڭ دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرە-سۆرەتلىرى قاتارلىقلار  .

     يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار م**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار م**نىڭ يوقارقى قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264- ماددىسىغا خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار م**نىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بولۇپ، جاۋابكار م**كە 2 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز.  

شۇڭا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش: رەيھانگۈل كېرەم

             2020-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى

قۇشۇمچە:

1.جاۋاپكار م** ھازىر توقسۇن ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2.دىلو ج خ توپلىمى ئىككى توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام بىرگە يوللاندى.

3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top