欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某涉嫌诈骗案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

 

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ                                       ئەيىبنامىسى 

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)XX–نومۇرلۇق 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى XX بازىرى XX يولى XX-نومۇر XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، XX ناھىيەلىك ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتىتىنىڭ ناھىيە شىتات شوپۇرى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدى، جاۋابكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

جاۋابكار مXX 2015-يىلى XX-ئايدىن 2019-يىلى XX-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا زىيانلانغۇچى پXX بىلەن مXXنىڭ خىزمىتىنى XXبازىرىدىن XX ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ قويىمەن دەپ 60000.00يۈەن (ئاتمىش مىڭ يۈەن) پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى زىيانلانغۇچى پXXگە 10000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن، قالغان زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

 جاۋابكار مXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنىدىن 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ قاتناش ۋاستىسىسى ھەيدەش جىنايى قىلمشى بىلەن ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالغان ئىشنى ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 60000.00يۈەن (ئاتمىش مىڭ يۈەن) پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

جاۋابكار مXX 2018-يىلى XX-ئايدىن 2018-يىلى XX-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا زىيانلانغۇچى قXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالغان ئىشنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ 55000 (ئەللىك بەش مىڭ يۈەن) پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئارلىقتا 10000 يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، قالغان زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

 جاۋابكار مXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنىدىن 2019-يىلى XX-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارلىقتا زىيانلانغۇچى يXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالغان ئىشنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ 79000.00يۈەن (يەتمىش توققۇز مىڭ يۈەن) پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، دىلو پاش بولۇشتىن ئىلگىرى 40000 يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، قالغان 39000 (ئوتتۇز توققۇزمىڭ) يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXXنىڭ يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مال-مۈلىكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇرسۇن

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئىزاھات: (1) 12 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

                     (3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

                 (4) تۆت نۇسخا قوشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزنامىسى دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top