欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某的危险驾驶案)(公开版)

2021-09-26 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                     ئا ش ت ئەيىبلەش (2020)   369-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، 38 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011982XXXXXXX، تۇللۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: XX شەھىرى،  XXشەھەرXX بازار-XX كەنىت-XX گۇرۇپXX -نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. -2020يىل  -7ئاينىڭ-18كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن  ئاقسۇ شەھەرلىىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن .

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ  2020  -يىل 9- ئاينىڭ 13- كۈنى (2020) 909-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋابكار مۇXX 2020-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18:10 لەردە XXشەھەر XX بازار  XX-كەنىتXXگۇرۇپتىكى دۇكاندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 21:30لەردە ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن شۇ دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق مۇتۇسكىلىتنى پىراۋسىز ھەيدەپ 100مىتىردەك مىڭىپ بىر ماشىنا بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق مXXنىڭ ھاراق ئىچىپ موتسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، مXXىڭ  ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 117.34مىللىگىرام بۇلۇپ مەس ھالەتتە موتۇسكىلىت ھەيدىگەن .ۋەقەدىن كىيىن سوقشۇپ كەتكەن ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان بۇلۇپ كىلىشىپ تۈگەشكەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار مXXىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار مXX مەھكىمىمىزدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، ئۇنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار مXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 1 ئاي 20 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، جاۋابكار مXXكە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز. 

تەپتىش: ھXX

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىلدە ، ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى : 

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top