شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 313-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار م xx، ئەر، ئۇيغۇر، 37ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXX 6529011982تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، يۇرتى؛ ئاقسۇ شەھەر تۇرۇشلۇق ئادىرسى: XX شەھەر XX بازىرى 1-كەنىت 2-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى جازالانمغان. 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 13-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپلگە بىرىلگەن
XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى3-ئاينىڭ 25-كۈنى(2019) 1293-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋاپكار م2019- xx يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 12 ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى تۇxxىڭ xx بازار 1-كەنتنىڭ توشقانلىقتىكى تېرىلغۇ يىرىگە جايلاشقان ئۆيىنىڭ مال-چارۋا سولايدىغان قوتىنىدىن قارا باشلىق، مۈڭگۈزلۈك، قالغان جايلىرى ئاق رەڭلىك، 3000 يۇەن قىممىتىدىكى ئىككى تۇياق غۇلجا قوشقىرىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار م xxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،جاۋاپكار م xxكە بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ قوشۇمچە 1000يۈەن ئىشتىراف قويۇشقا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ج xx
تەپتىش :ئاxx
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىزاھات :
1) جاۋابكار م xx ھازىر ئائىلسدە كىپلدە. تىلفۇن نۇمىرى:XXXX15701
2) سەككىز نۇسخا ئەيىبنامە، بىر پارچە جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论