شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىپلەش چىقىش (2020)727- نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، 28 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX3214، يۇرتى XXشەھىرى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى XXشەھىرى XXيېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى XXجىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى (2020) 1351-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 20:05 لەردە جاۋابكار مXX XXشەھەر XXيېزا XX-كەنىتتىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا توختتىىپ قويغان 新NXXX0Jنۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، XXشەھەر XXيېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپتىكى دادۈينىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھاراق ئىچكەنلىكىنى بايقاپ، قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 146.21 مىللىگىرام (100ml\146.21mg) بۇلۇپ، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار مXXانىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىرىنچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارغا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە (تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ) ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئېXX
2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论