乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)XX–نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار قXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار قXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار قXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 17:30 ئەتراپىدا تاماق يېيىش ئۈچۈن XX بازىرى XX-كەنىت XX-مەھەللە كەنىت كومىتىتى يېنىدىكى ئاXXنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ ئاشخانىدا ئاXX، مXX قاتارلىقلار بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن سائەت 20:00 ئەتراپىدا ئاشخانىدىن يېنىپ چىقىپ ئاشخانا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان XX نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق ماي موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ XX-كەنىت XX-مەھەللە يول بۆلىكىدە كېتىۋاتقاندا، چارلاپ كېتىۋاتقان XX بازىرى XX -كەنىتتە تۇرۇشلۇق كەنىت ساقچىسى تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى «قXXنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارىنى 166.11مىللىگىرام » دەپ يەكۈن چىقارغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار قXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار قXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تەرتىپىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارنىڭ قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، شۇڭا يۇقارقى تەرەپلەرگە ئاساسەن جاۋاپكار قXXغا ئۈچ ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتراپ قۇيۇش تەكلىپى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئىزاھات: (1) 12 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى: XXXX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论