شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)07-نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار گ X ، ئايال ، ئۇيغۇر ، 1990-يىلى X X -ئاينىڭ X X -كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : X X X X X X X X 6529231990، تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، مۇقىم كەسپى يوق ، يۇرتى شىنجاڭ كۇچا ناھىيسى ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى : كۇچا ناھىيە X X بازىرى X X كەنت X -گۇرۇپپا X X -نۇمۇرلۇق قورو ، ئىلگىرى جازالانمىغان .
ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2019) 818-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار گ X ئوغۇرلۇق جىنايى دىلوسىنى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى ، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋاپكار گ X 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 5:30 مىنۇت ئۆتكەندە كۇچا ناھىيە X X بازار X X رىستۇرانىغا كىلىپ بىرگە ئىشلەيدىغان ز X بىلەن تازلىق قىلىپ پۇكەينى سۈرتۈش جەريانىدا ، پۇكەينىڭ ئىچى تەرىپىگە ئۆتۈپ ئالدىنقى كۈنى كۈرۈپ قالغان ئايال خوجايىن پۇل سالغان قىزىل رەڭلىك سومكا ئىچىدىن يۈز يۈەنلىكتىن ئون باغلام پۇلنى ئېلىپ كىيىمىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئوغۇرلاپ چىقىپ ، بۇ پۇلدىن 5000 يۈەن پۇلنى ئوغۇل دوستى ن X غا ئىشلتىشكە بەرگەن ، قالغان 5000 يۈەن پۇلنى ئۆيدە ساقلاپ قويغان ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
دىمەك ، جاۋابكار گ X نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، ئېنىقلاپ– تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ . جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار گ Xنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق ، 67-ماددا 3-تارماقنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ، مۇددەتلىك 8 ئاي 15 كۈن قاماق جازاسى بېرىپ جازانى كىچىكتۈرۈش ، قۇشۇمچە شىتىراف قۇيۇش تەكپىلىنى بېرىپ ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: گۈزەلنۇر ئەخمەت
2020-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار گ X ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论