欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(比某某危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-26 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                           ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 )452–نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار بىXX( باشقا ئىسمى ،لەقىمى يوق)، ئەر،****-يىل **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6528011998، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئېگە . باقمىچى ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ كورلا شەھىرى** مەيدانى شۆبە **-مەيدان **-كوچا 13-نۇمۇر.ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھىرى **ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا 1-كورپۇس 301-ئۆي.بۇرۇن جازالانمىغان. 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 25-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .

   كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار بىXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   2019-يىلى7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت23:10لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار بىXX پىراۋىسىز، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە **** 新M نۇمۇرلۇق(تاختاي كەيگۈزۈلگەن) ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ،كورلا شەھىرى سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى شۆبە 2-مەيدانى ئالدى يول بۆلىكىدە شىمالدىن-جەنۇبقا قاراپ تەتۇر يۆلۈنۈشتە يول يۈرۈپ 87-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، نەجمىدىن ھاسان مىنگەن ****新电MKنۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سوقۇلغان،نەتىجىدە نەجمىدىن ھاساننىڭ يارىلىنىشى،ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) 4961-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇرىيېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار بىXXنىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا195مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىقارغان. 

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2019)3443نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ،بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە بىXX پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ باھالاپ بىكىتكەن.

 جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:  يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار بىXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكاربىXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،پىراۋىسىز، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار بىXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                               كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

         

                                             تەپتىش :ئىلھام يۇنۇس 

                                           2020-يىلى6-ئاينىڭ17-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى  بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top