شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2019) 236-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ب xx، ئەر، ئۇيغۇر، 38 ياش، كىملىك نومۇرى: 6529019********، تۇرۇشلۇق ئادرېسى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر ** رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىشچى، توي قىلغان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020–يىلى 1–ئاينىڭ 23–كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار بxx 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 21-كۇنى 06:00 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر ** رايونىنىڭ يان تەرىپىدىكى ماشىنا توختۇتۇش ئورنىغا توختۇتۇپ قويغان 新N**** نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ ** رايونىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر ماشىنا بىلەن سۈركۈشۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار بxxنى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغاندا، جاۋاپكار بxxنىڭ 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 239.04 مىللىگىرام (mg/100ml239.04) بولۇپ مەس ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار بxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133– ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.
جاۋابكار بxx قىلمىشىنى تۇلۇق ئىقرار قىلىپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ۋە بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 8000 يۈەن ئىشتىراق قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 172-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز
تۇرسۇنئاي ئەخمەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمىرى: xxxxxxxx 136.
1. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论