توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىپلەش ( 2020 )80-نومۇر
توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكارب**ئەر ،ئۇيغۇر-1983,يىلى-12ئاينىڭ1-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى1016********652123، كەسپى: ئاشپەز، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى:شىنجاڭ**ناھىيە**بازار**كەنىت **-ئەترەت***-نۇمۇر،بۇرۇن جازالانمىغان.
جاۋابكار ب** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن2019 – يىلى 09- ئاينىڭ 29- كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللككە بېرىلگەن.
توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 2020-يىلى06-ئاينىڭ 03-كۈنى جاۋاپكار ب ** نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .
مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلار
2019-يىلى-09ئاينىڭ-15كۈنى23:55لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار ب ** پىراۋىسىز ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ***** 新A نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ**ناھىيە ** غەربىي يولى ** چوڭ كۆۋرۈككە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋاپكار ب ** نى ** ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەم ئەدىليەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن.
-2019يىلى-09ئاينىڭ-28كۈنىدىكى** ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ(2019) ****-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدىن جاۋاپكار ب ** نىڭ ھەر 100ml قېنىنىڭ تەركىبىدە 187mg ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتتى.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:
دىلو قوبۇل قىلىش تىزىملىگى،دىلو تۇرغۇزۇش قارارى،نوپوس ئىسپاتلىقى،دىلو پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلاش سۆزى،باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار بار؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ب ** نىڭ پىراۋىسىز ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 –ماددىسىنىڭ 1- مەزمۇنىغا خىلاپ ،دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ،جاۋاپكار ب ** نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ. جاۋابكارغا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » 15-ماددىسىىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك، شۇڭا جاۋاپكارغا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ ،قوشۇمچە 6000 يۈەن شىتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز.
« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسى 214-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن
2020- يىلى 06- ئاينىڭ 11-كۈنى
قۇشۇمچە:1. جاۋاپكار ب ** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە؛
2.دىلو ج خ توپلىمى1 توپلام،تەپتىش توپلام 1 توپلام بىرگە يوللاندى؛
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论