شىخو شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسى
ش ش ت (2021) چىقىش34–نومۇرلۇق
جاۋابكار **، ئەر، ئۇيغۇر، ** -يىلى **- ئاينىڭ **- كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 654**،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغان، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:شىخو شەھەرلىك ج خ ئىدارسى ** ساقچىخانىسىدا، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىخو شەھەرلىك **نۇمۇر،كەسپسىز.
جاۋابكار ب**2019-يىلى 8-ئاينىڭ2-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن، شىخو شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بىر يىل تۆت ئايلىق قاماق جازاسىغا قوشۇمچە 5000يۇەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىنىپ،2020-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۇنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۇنى شىخو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى ئشلار بويىچە توختتلىپ،2020-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
شىخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلونىڭ تەھقىقلەشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ،2021–يىلى01–ئاينىڭ22–كۈنى مەھكىمىمىزگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،2021-يىلى 01-ئاينىڭ 23-كۇنى جاۋابكارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى يەتكۈزدۇق،2021-يىلى 02-ئاينىڭ 04–كۇنى دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا يەڭگىللىك بىرىش تۈزۈمى ۋە جىنايتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسىنى يەتكۇزدۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ،شۇنداقلا دېلو ماتىرياللىرىنى ئومۇميۇزلۇك تەكشۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق جاۋابكار ب** جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك تۇراقلاندۇردۇق:
1. جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۇنلىرى ئەتىراپىدا، شىخو شەھەرلىك جىڭجۇ شمالى يولى سى دا كوچىسى 031-نۇمۇرلۇق قورۇدا تۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى س** . ئۆيىگە ئوغۇرلىققا كىرىپ 6000يۇەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ كەتكەن.
2.جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۇنلىرى ئەتراپىدا، زىيانلانغۇچى گ** شىخو شەھەرلىك ** كوچىسى <<**>> بالىلار يەسلىخانسىنىڭ ئالدىدىكى يول بويىغا توختۇتۇپ قويغان، قارا رەڭلىك، <<بىن چى>> ماركىلىق ماشنىسىنىڭ ئالدى تەرەپ دېرىزە ئەينىكىنى چېقىپ،56يۇەن پۇلنى.ئوغۇرلاپ كەتكەن.
3.جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۇنلىرى ئەتىراپىدا، زىيانلانغۇچى چ**نىڭ شىخو شەھەرلىك ** ئولتۇراق رايونىڭ ئىچىدىكى <<** >> ماگىزىننىڭ ئارقا تەرەپ دىرىزسدىن ئوغۇرلۇققا كىرىپ، 830 يۇەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن.
4. جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۇنلىرى ئەتىراپىدا، شىخو شەھەرلىك **16-نۇمۇرلۇق ئۆيگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ،زىيانلانغۇچى چ**.نىڭ.200يۇەن پۇلىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن.
5. جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇنى ئەتىراپىدا شىخو شەھەرلىك ** ئولتۇراق رايوننىڭ كۇن پىتىش تەرەپتىكى زىيانلانغۇچى ت** ئاچقان <<** >>ماگىزىنغا ئوغۇرلۇققا كىرىپ،360يۇەننى ئوغۇرلاپ كەتكەن. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۇنى ئەتىراپىدا،يەنە مۇشۇ ماگىزىنغا ئوغۇرلۇققا كىرىپ،260يۇەن پۇلنى ئوغۇرلاپ كەتكەن.
6- جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۇنى ئەتىراپىدا، شىخو شەھەرلىك ** پىڭفاڭ رايونى ** مەھەللىسى **-نۇمۇرلۇق ئۆيگە ئوغۇرلققا كىرىپ،زىيانلانغۇچى چ** باھاسى 150يۇەن بولغان كۇمۇش رەڭلىك ۋىي ۋو ماركىلىق قول تىلىفۇنى بىلەن 35 يۇەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چقىپ كەتكەن.
7. جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۇنلىرى ئەتىراپىدا ، شىخو شەھەرلىك **كوچىسى ** ئۆيگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ،زىيانلانغۇچى ئا**. پورتمالنىڭ ئىچىدىن 11 ۋاراق شياڭگاڭنىڭ قەغەز پۇلنى ئوغۇرلاپ چقىپ كەتكەن.(زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.)
8. جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۇنلىرى ئەتىراپىدا، زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ شىخو شەھەرلىك ** يولىدا ئاچقان <<** >>ماگىزىننىڭ ئارقا ئىشىكىدىن ئوغۇرلىققا كىرىپ، بەش يۇەن پۇلنى ئوغۇرلاپ كەتكەن.
9. جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۇنى ئەتىراپىدا، شىخو شەھەرلىك ** نۇمۇرلۇق ئىككى قەۋەت داچىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سول يان تەرەپتىكى رىشاتكىدىن ئاتىلىپ چۇشۇپ كىرىپ، زىيانلانغۇچى ج** نىڭ باھاسى 42يۇەن بولغان بىر يەشىك قېتقىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن.
10. جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۇنى ئەتىراپىدا شىخو شەھەرلىك ** 34-نۇمۇرلۇق ئۆيگە ئوغۇرلىققا كىرىپ، زىيانلانغۇچى ل** جەمئي باھاسى 22يۇەن بولغان ئىككى بولاق زىيۇن ماركىلىق تاماكسىنى. ئوغۇرلاپ كەتكەن.
11. جاۋابكار ب** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۇنلىرى ئەتىراپىدا شىخو شەھەرلىك ** كوچىسى **نىڭ يول تەرەپكە قاراشلىق كۆمۇرخانىسىنىڭ دىرىزسىدىكى تور رىشاتكىسىنى قايرىپ ئىچىپ ئوغۇرلۇق قىلماقچى بولۇپ كىرگەندە، قورۇ ئىچىدىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ قايتپ چقىپ كەتكەن.(مەقستى ئەمەلگە ئاشمىغان.)
يۇقارقى جىنايەت پاكىتىنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،نەق مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرسى ۋە سۇرەتلىرى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرسى ۋە رەسملىرى،مال باھا ئىدارسىنىڭ باھالاش يەكۇنى قاتارلىق دەللىل –ئسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
جاۋابكار ب** جىنايتىنى تونۇپ ، جازانى قۇبۇل قىلغان ھەمدە دىلونى تېز بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغان .
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ : جاۋابكارب**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىشنى مەقسەت قىلىپ،باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مۇلكىگە دەخلى تەرۇز قىلپ،جەمئي سوممسى 7960يۇەن ئىقتسادىي زىيان پەيدا قىلغان ھەرىكتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگلىمىسگە خىلاپ بولۇپ، ئوغۇرلۇق جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن،بۇنىڭ ئىچدە بىر قتىملىقى ئەمەلگە ئاشمىغان؛ دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئسپاتى تولۇق. شۇڭا جاۋابكار ب**نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 65-ماددا،23-ماددا بەلگلىمىسى بۇيىچە سۈرۈشتۇرۇشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176–ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە سوتىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق ، قانۇن بويىچە جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
شىخۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: مۇھەببەت خەمىت
2021-يىلى 02–ئاينىڭ 05–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار شىخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قاماقخانسىدا قاماقلىق.
2.دىلۇ ماتىريالى 3توپلام ،قاماش رەسميىتى 1پارچە، ئەيىپلەشنامە 8 پارچە،جازا ئۆلچەش پىكىرنامسى 1پارچە،ئاددىي تەرتپ قوللىنش پىكىرنامسى بىرپارچىدىن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论