欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(比某某盗窃案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                ئۈ ش س ت 1- بۆلۈم ئەيىبلەش [2020] يىللىق **- نومۇرلۇق

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     جاۋابكار ب** ، ئايال، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، كىملىك نومۇرى: ******653201197008، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: خوتەن ۋىلايىتى ** شەھىرى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-زال **-ئۆي. 2017-يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 6 يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ قېتىم 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئوغرىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ب** نىڭ ئوغرىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار ب ** 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 16:00 لەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** يولى** سودا سارىيىنىڭ **- قەۋىتىدىكى ** ئالتۇن بويۇملىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا كىرىپ، دۇكاندارنىڭ دېققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى سىناپ تاقىۋالغان بىر دانە ئالتۇن بىلەيزۈكنى ئوغرىلاپ دۇكاندىن چىقىپ كەتكەن. 

دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، ئوغرىلانغان ئالتۇننىڭ باھاسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق باھا گۇۋاھلىقى مەركىزى تەرىپىدىن 1006 يۇەنگە باھالانغان. 

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:

1) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

2) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛

3)​ تونۇتۇش خاتىرىسى؛

4)​ يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، جاۋابكارنىڭ دېلوغا كېلىش جەريانى، مۇناسىۋەتلىك يازما ھۆججەتلەر، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى؛

5)​ ئۈن-سېن ماتېرىيالى؛

 مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:  جاۋابكار ب **نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقتاردىكى قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكىنى خۇپىيانە ئوغرىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. سىلەرنىڭ جاۋابكارنىڭ جىنايىتىگە قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

                    

       ھۈرمەت بىلەن :

                      تەپتىش: رىسالەت ھۇشۇر

                 تەپتىش ياردەمچىسى: ئارزىگۈل تۇرسۇن

                  2020-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئىلاۋە:

1)​  جاۋابكار ھازىر ئۈ ش ج خ ئىدارىسى 3-قاماقخانىسىدا قاماقتا.

2)  تەھقىقلەش دېلوسى 4 توپلام، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، ئۈچ دانە ئۈن-سىن دېسكىسى بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top