شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 2938 -نومۇرلۇق
xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار خxx، ئايال، ئۇيغۇر، 48 ياش، كىملىك نومۇرى: 6529011970xxxxxxxx باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،xx شەھەر xx بازار تۆۋەنكى تىگىن كەنىتى 2-گۇرۇپ 31-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،كەسپى دېھقان ، ئىلگىرى جازالانمىغان. قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن -2019يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
xx شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2019)203-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار خxx 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 20:17مىنۇت ئۆتكەندە، نۇمۇر تاختىسى يوق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ھەيدەپ (توكسىكىلىتتا زxx بىلەن گxxنى ئولتۇرغۇزغان)، xx شەھەر xx بازار 5-كەنىت يولىدا غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ مېڭىپ 1-كەنىت كىسىشكەن تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، ئالاقىدار مxx ھەيدەپ ماڭغان 新NDXXXXنۇمۇرلۇق < بېيجىڭ شىيەندەي> ماركىلىق ئاپتوموبىلدىن توكسىكىلىتنى ئېلىپ قېچىش جەريانىدا توكسىكىلىت ئۆرۈلۈپ كىتىپ، توكسىكىلىتتا ئولتۇرغۇچى زXX يارلانغان، ھادىسىدىن كىيىن زXX XX ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار خXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، پاكىتى ئېنىق. قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار خXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار خXX نىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : نۇسرەت ئابلىز
مۇۋەققەت تەپتىش : دىلمۇرات ئەمەر
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى:XXXX1377941
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论