كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش (2020) 1102-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ساXX ، ئەر ، ****-يىل **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6531301971، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:شىنجاڭ ** شەھىرى ** بازىرى**-دىۋىزىيە**-لىئەن**-كۇرپۇس5720-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى **-ئولتۇراق رايۇنى**-بىنا**-ئىشىك302-نۇمۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىل 03-ئاينىڭ 20-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكارساXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ2020-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،2020-يىلى 11-ئاينىڭ19-كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ساXX 2019-يىلى12-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 02دىن 15مىنۇتلار ئۆتكەندە، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى كورلا شەھىرى ** رايۇن ئىچىدە ھەيدەپ،5-بىنا ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ۋەقەسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2020) **-نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا:جاۋاپكارنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 141.28مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىققان.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ساXXئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارساXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ›› 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
جاۋاپكار ساXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتراپ قىلغان بۇلۇپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ››نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بۇلىدۇ.شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ››نىڭ- 176ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار ساXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئايگۈل كېرەم
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام ،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论