欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(海某某危险驾驶案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

پىچان تەپتىش 1-بۆلۈم ئە چىقىش (2020) 154 -نومۇرلۇق

پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار: ھ** ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1977-يىلى **ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6521221977******** ، پىچان ناھىيە لەمجىن بازار ** كەنىت **- گورۇپ **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.

پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ھ**نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق .دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

2018- يىلى 12- ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋابكار ھ** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا 新K22*** نومۇرلۇق “ **” ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتنى ھەيدەپ غەرىپتىن- شەرىققە قاراپ مىڭىپ، پىچان ناھىيە دۆلەت تاش يولى 312- لىنىيە شەرىقتىن- غەرىپكە قاراپ ****- نومۇرلۇق دىلو مەلۇم قىلىش نوقتىسى ئالدى يول بۆلىكگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئوخشاش يۆلىنىشتە كىتىۋاتقان ھ** ھەيدىگەن رەسمىيەتسىز ** ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكىسىكىلىت بىلەن سوقۇلغان، نەتىجىدە جاۋابكار ھ** ھادىستە يارلىنىپ، قاتناش ۋاستىللىرى زىيانغا ئۇچراشتەك ئادەتتىكى قاتناش ھادىسسى يۈز بەرگەن.

شىنجاڭ خۇاتوڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) 490- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دوكىلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا: ھ**تىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml241.89 دەپ يەكۇن چىقارغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5.نەق مەيدان ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرە- سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ھ** ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. جاۋابكار تېز كىسىم چىقىرش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلىدۇ.

مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ھ** دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.

جاۋاپكار ھ** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئەنۋەر ئابلىتىپقا 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قوشۇمچە شىتىراپ قويۇپ جىنايى جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار ھ**نىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: ئاسىمجان ئالىم

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئىزاھات :

1.​ جاۋاپكار ھ** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

1.​ دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 18نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىنى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top