كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ت ئەيىبلەش ) 2020 15(- نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار خxx ، ئايال، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغولغان ، كىملىك نۇمۇرى : xxxxxxxxxx65282319 ،ئويغۇر ،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، نۇپۇسى ۋە تۇتۇلوشتىن بۇرۇنقى ئادىرسى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر xx بازىرى xx كەنت xx-نۇمۇر ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇختۇتۇپ قۇيۇلغان ،مەھكىمىمىز 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇلغا ئېلىشىنى تەستىقلىغان ،ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قۇلغا ئېلشىنى ئىجرا قىلغان ھازىر كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاماقخانىسىدا قاماقلىق .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇدىلونى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى جاۋاپكار خxxنىڭ ئوغورلوق قىلىش جىنايىتى دىلوسىنى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز 2 تۇپلام دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ،بارلىق دىلو ماتىريالللىرىنى تەكشۈرۈپ كۈرۈپ ،دىلو پاكىتىنى تۈۋەندىكىدەك ئىنىقلىدۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋاپكار خxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن ، 10-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، كورلا شەھىرى xx بازىرى سۇدا كوچىسى دۇكان رايۇنى -XXخەلققە قۇلايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ شىمال تەرپىگە جايلاشقان زىيانلانغۇچى لىياۋxنىڭ ئاچقان گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنىدا ئىشلەش جەريانىدا ،ئۇنىڭ دىققەت قىلمىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، زىيانلانغۇچىنىڭ دۇكىندىكى پۈكەينىڭ تارتمىدىن ۋە پوكەينىڭ ئاسىتى تەرپىگە قۇيۇپ قۇيغان سۇمكا ئىچىدىن 13قىتىمدا ، جەمئى 12 مىڭ يۈەن نەق ۋە 249يۈەن قىممىدىكى بىر دانە كۈمۈش ئۈزۈكنى ئوغورلاپ چىقىپ، ئوغورلىغان نەق پولنى خەجلەپ تۈگەتكەن ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن،بىر دانە كۈمۈش ئۈزۈك زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇپ بىرىلگەن ، جاۋاپكارنىڭ ئائىلە تائاباتلىرى ، زىيانلانغۇچنىڭ ئىختىسادى زىينىغا قارىتا 12مىڭ يۈەن نەق پولنى تۈلەپ بەرگەن .ئوغورلوق ئومومى سۇممىسى 12249مىڭ يۈەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ،زىيانكەچلىىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۈرەتلىرى قاتارلىق دەلىل – ئىسپاتلار ئ مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار خXX ئۆزى يالغۇز قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن ئىگەنلىۋېلىش ۋاستىسنى قوللۇنۇپ، جەمئى 13قىتىمدا باشقىلارنىڭ12249 يۈئەن قىممىتىدىكى مال- مۈلكىنى ئوغۇرلىغان يۇقارقى قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 264 –ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولوپ ئوغورلوق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك. شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خاسىيەت ئابىدۇكىرەم
2020-يىلى 1- ئاينىڭ 7-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1)تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ، 10 نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
2)جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا
قاماقتا .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论