خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019) 560- نومۇرلۇق
جاۋابكار ر**،ئەر،ئۇيغۇر،1998-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: ********6528271998،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:دېھقان،بۇرۇن جازالانمىغان ،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر ،2019-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى گۇمانى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2019-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنىغان ،جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە ** يېزا ** كەنت**-گۇرۇپپا **-نۇمۇر،ھازىرى خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
جاۋابكار ر**نىڭ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،2019-يىلى8-ئاينىڭ11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بۇ ئارلىقتا2019-يىلى9-ئاينىڭ11-كۈنى دىلونىڭ ئەيىپلەش سۈرىكى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى ،2019-يىلى9-ئاينىڭ24-كۈنى دىلونىڭ دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس دەپ قاراپ، دىلو خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىغا تۇلۇقلاپ تەھقىلەشكە قايتۇرۇلدى ،خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەيىپلەشكە يوللىدى، جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى،جاۋابكار ر** مەزكۇر دىلودا ئادەتتىكى تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار ر** 2018 -يىلى 05-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 23:40لار ئەتراپىدا، پىراۋىسىز *****新M نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى شىمالدىن جەنۇبقا يۆلىنىشتە ھەيدەپ، خېجىڭ ناھىيە ئۆلكە يولى 206-لېنىيسى **كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئاپتۇموبىل يولدىن چىقىپ كىتىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن، نەتىجىدە ئاپتۇموبىلدا ئولتۇرغۇچى رى** بىر ئادەم ئۆلۈپ كىتىش، ج** بىلەن جاۋابكار ر** ئىككى ئادەم يارلىنىش ۋە بىر قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان.
خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى*******65282712018- نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە ر** بۇ قېتىملىق ھادىسىسدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ج** يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇش شېركىتى بۇ قېتىملىق ھادىسىدە قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، رى** بىلەن ج** بۇ قېتىملىق ھادىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەن.
خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ (2018)**-نۇمۇرلۇق جەسەتنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش پىكرنامىسىدە،رى**نى قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن مىڭىسى زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ بىكىتكەن.
خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ (2019)**-نۇمۇرلۇق زەخمە دەرىجىسىنى باھالاش پىكرنامىسىدە،ج**نىڭ زەخمىسىنى 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمە دەپ بىكىتكەن.
خېجىڭ ناھىيلىك مال باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)**-نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاشنامىسىدە جاۋابكار ھەيدىگەن ماشىننىڭ باھاسىنى 9400يۈەن دەپ باھالىغان .
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،نەق مەيدان ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش ماتىرىيالى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تېلخىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ر** قاتناش تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزامىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، بىر ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بۇلۇپ،جاۋابكارنىڭ قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ133-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايتى بىلەن جىنايى جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارر**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى
2019-يىلى10-ئاينىڭ 29-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار ر** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2) دىلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
3)ئەيىپنامە 8نۇسخا .
4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تېلخىتى 1پارچە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论