欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某某交通肇事)

2021-09-23 独角龙 评论0

         شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

    غۇلجا  ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

            غ ن تەپتىش 1-جىنايى ئىشلار بۆلۈم ئەيىبلەش  (2020)xx-نومۇرلوق

جاۋابكار:راxx،ئەر،ئۇيغۇر،xxxx- يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: دىھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: 654121xxxxxxxx، نوپۇسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى:xx ناھىيەxx يىزا xx كەنت xx-نومۇرلوق قورادا ئولتۇرۇشلۇق. بۇرۇن سوتلوق بولمىغان.2019-يىلى7-ئاينىڭ 9-كۈنى غ ن  ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش  جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ  قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دېلونى غۇلجا  ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل پىرىنسىنى قوللىنىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق ھەم پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە 

2019-يىلى 5-ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت  23 دىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە جاۋاپكار راxx   新Fxxxx  نومورلوق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى غ ن سادىقيۈزى كەنت يول بۆلىكىدە شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ھەيدەپ كىتىۋىتىپ ھادىسە يۈز بەرگەن يەرگە كەلگەندە ئالدى تەرەپ يولنىڭ شىمال تەرىپىدە دۇگلاپ قويغان دەرەختىن قاچۇرۇش جەريانىدا غەرىپتىن شەرىققە قارىتا قارشى يۆنۈلۈشتە كىلىۋاتقان گاۋxx ھەيدىگەن xxxx 新F  نومورلوق كىچىك تىپتىكى ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ   xxxx 新F  نومورلوق ماشىنىدا ئولتۇرغان ما xxنىڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىشى، شوپۇر گاxxنىڭ يارىلىنىشى،   新Fxxxx  نومورلوق   ماشىنىنى ھەيدىگۈچى جاۋاپكار راxx ۋە شۇ ماشىنىدا  ئولتۇرغان مىرxx،قۇxx،ئىلxx،غاxx قاتارلىقلارنىڭ  يارىلىنىشى ،ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇزۇلىشىدەك يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. 

 غ ن قاتناش ساقچى ئەترىتى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 654121120190000049-نومورلوق قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى چىقىرىپ ۋەقەنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە سەۋەپ نەتىجىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار راxx بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئاساسلىق جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ،ئالاقىدار تەرەپ گاۋxx بىلەن دەرەخنىڭ ئىگىسى جى xx،ما xx ئورتاق ھالدا قوشۇمچە جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ،ئالاقىدار تەرەپ ما xx،مىرxx،قۇxx،ئىلxx،غاxxقاتارلىقلارنىڭ جاۋاپكارلىقى يوق دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات ؛

2.​ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

3.​ زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛

4.جاۋابكارنىڭ  ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛

5.باھالاش پىكىرى؛

6.نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

7.ئۈن سىن پىلاستىنكىسى .

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ ئىلىنىشى قانۇنلۇق،ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇنى ئوبىكتىپ راست،شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بىكىتىشكە بولىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار راxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى ‹جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›نىڭ 133 -ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. ۋەقەدىن كىيىن قازا قىلغۇچى ئائىلىسى ۋە باشقا زىيانلانغۇچىلار بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن،شۇڭا جاۋاپكار راxxنى «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا ،67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىپ جازاسىنى 4 يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مۇكەررەم بەكرى. 

 تەپتىش :مىررزەكىم مىرجالال

                        2020- يىلى11- ئاينىڭ 15- كۈنى

قوشۇمچە :

1.​ جاۋابكار ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن .ئالاقىلىشىش نومۇرى:150xxxxx

2.​  8نۇسخا ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، دەلىل ئىسپات تېزىسى،ئۈن سىن ماتىريالى،ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى بىرگە يوللاندى.

قازا قىلغۇچى ئائىلىسىنىڭ ۋە باشقا زىيانلانغۇچىلارنىڭ جاۋاپكارنى ئەپۇ قىلغانلىق توغرىسىدىكى  ئىسپاتلىرى بىرگە يوللاندى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top