شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 775- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار رx ،ئەر،ئۇيغۇر، 1962-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *********6529231962، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان ، شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدىن،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى:كۇچا شەھەر *** بازار *** كەنىت**-گورۇپپا***- نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020 - يىلى 05 – ئاينىڭ 10-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە. 2020-يىلى07-ئاينىڭ 14-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 281-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار رxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 07- ئاينىڭ 14- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار رx 2020-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنى سائەت 14:00لەر ئەتىراپىدا ئاغىنىسى مx،سx،قx،تx،تx قاتارلىقلار بىلەن*** بازىرى *** ئەxنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ ھاراق ئىچكەن، سائەت19:00لەردە رx ئۈيگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن*** بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ‹‹***››ماركىلىق، 新N*****نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى دۆلەت يولى217-لىنىيەدە شىمال-جەنۇپ يۆلىنشتە مەس ھالەتتە ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ مېڭىپ 1106كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان،
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، رxنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg161دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتىنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرى،ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرسى، سۈرەت قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
دىمەك،جاۋابكار رxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار رxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسى، 67- ماددا3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەپ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى 08-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار راx ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论