شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ئا ش ت جىنايئى ئىشلار 2-بۇلۇم چىقىش(2020) 4- نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار رxx، ئايال، خۇيزۇ، 19xx-يلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان، دىھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، سالاھيەت نۇمۇرى: 65292519xxxxxxxxxx ، مۇقۇم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: xx ناھىيە xx بازار xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۇنى توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۇنى قولغا ئېلىنغان. ھازىر xx ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا .
زىيانلانغۇچى يxx، ئەر، خۇيزۇ، 20xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى، زىيانكەشلىككە ئۇچۇراشدىن ئىلگىرىكى نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:xx ناھىيە xx بازار xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر.
زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋەسىسى : مxx (زىيانلانغۇچىنىڭ دادىسى) ئەر، خۇيزۇ، 19xx-يلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان، دىھقان، كىملىك سالاھيەت نۇمۇرى:65292519xxxxxxxxxx، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: xx ناھىيە xx بازار xxكەنىت xx-گۇرۇپxx-نۇمۇر،
xxناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار رxxىڭ جىنايەت دىلوسىنى تەكشۇرۇپ تەھقىقىلەپ (2018) 132-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق xx ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشگە ئوتكۇزۇپ بەرگەن. xx ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 21- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھىكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشگە يوللاپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلودىكى دەلىل-ئىسپات ماتىرياللارنى تەكشۇرۇپ كوردى. جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھۇقۇقى بارلىقى ئۇختۇردى. مەھكىمىمىز تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋابكار رxxنىڭ جىنايى پاكىتلىرنى توۋەندىكچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىدى.
جاۋابكار رxx 2018-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 23:15 لەر ئەتراپىدا ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان xxناھىيىلىك ئۆمۈر سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئىشتىن چۈشۈپ xx ناھىيىلىك xx ئولتۇراق رايۇنى ئىچدە ئويناۋاتقان ئۇگەي بالىسى يxxنى ئېلىپ ئۆيگە كىلىپ، زىيانلانغۇچى يxxنى پۇت-قوللىرنى يۇيۇشنى ئېيتىپ، تاماق ئىتىشگە تۇتۇش قىلغان. ئارلىقدا جاۋابكار رxx ھويلىغا چىقىپ زىيانلانغۇچى يxxنىڭ ھويلىنىڭ شەرىق تەرپىدىكى xxنىڭ يېنىدىكى ئۈرۈك دەرخىگە چىقۋالغانلىقنى كورۇپ ‹‹كىچدە نىمىش قىلۋاتسەن؟ پەسكە چۇشكىن›› دەپ ئىشتىنىڭ پۇشقىقىنى تارتقاندا يxx پەسكە چۇشۇپ جاۋابكار رxx بىلەن ئويگە قايتىپ كىرگەن. ئويگە كىرگەندىن كىين جاۋاپكار رxx زىيانلانغۇچى يxxگە ‹‹ئەمدى يۇقاپ كەتمە، داداڭ ھازىر كىردۇ›› دەپ قۇيۇپ تاماققا تەييارلق قىلغان. ئارلىقدا جاۋابكار رxx زىيانلانغۇچى يxxنىڭ يەنە ئويدىن چىقىپ كەتكىنى بايقاپ ھويلىغا چىققاندا زىيانلانغۇچى يxxنىڭ يەنە ھويلىدىكى ئۇرۇك دەرخىگە چىقۋالغانلىقنى كورۇپ ئۇرۇك دەرخىنىڭ يېنىغا بېرىپ ‹‹ پەسكە چۇشكىن›› دىگەندە زىيانلانغۇچى يxx گەپ قىلماي تۇرۋالغان، بۇ چاغدا جاۋابكار رxx‹‹پەسكە چۇشكىن، كۇندە دەرەخنىڭ ئۇستىگە چىقىۋالدىكەنسەن، سىنى كۇندە ئىزدەيمىزمۇ؟ داداڭغىمۇ ئىچىڭ ئاغىرسۇن!›› دىگەندە زىيانلانغۇچى يxx ‹‹دادام ماڭا ئاپاڭنىڭ گىپنى ئاڭلىما دىگەن››، دىگەندە جاۋابكار رxx ‹‹مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىماي كىمنىڭ گىپنى ئاڭلايتىڭ، پەسكە چۇشكىن›› دىگەن. زىيانلانغۇچى يxx پەسگە چۇشگىلى ئۇنماي جىم تۇرۋالغان. ئارقىدىن جاۋابكار رxx يەنە يxxگە‹‹پەسگە چۇشىگىن›› دەپ پۇتنى پەسگە قاتىق تارتىقاندا زىيانلانغۇچى ئۈرۈك دەرىخىدىن يەرگە چۈشۈپ كىتىپ، باش قىسمى يەردىكى سىمۇنىت تاشقا تىگىپ زەخمىلنىپ يەردە خاقىراپ يېتىپ قالغان. بۇ ۋاقىتتا جاۋابكار رxx يxxنى كۆتۈرۈپ مېھمانخانا ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ئويدىكى تاختا كارۋاتنىڭ ئۈستىگە ئوڭدىسىغا ھالەتتە ياتقۇزۇپ قويغاندا زىيانلانغۇچى يxx يەنە خاقىراپ يېتىپ قالغان. بۇ چاغدا جاۋابكار رxx زىيانلانغۇچنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتنى يۇشۇرۇپ قۇيۇش مەقسىدىدە ئۇيدە ئىشلىتىدىغان ياغاچ دەستىلىك پالتا بىلەن زىيانلانغۇچى يxxنىڭ باش قىسمىغا پالتىنىڭ دەستىسى ۋە كەينى تەرپى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇپ، بۇيۇن قىسمىغا پالتا بىلەن كۆپ قېتىم چاپقاندا زىيانلانغۇچى يxx ئۈلگەن. بۇ ۋاقىتتا جاۋابكار رxx زىيانلانغۇچىنىڭ جەسىتىنى ئۇيدە ئىشلىتىدىغان 2 دانە ئەدىيالغا ئوراپ ھويلىدىكى سافاغا قۇيۇپ جەسەتنىڭ ئۇستىگە كىيىملەرنى يېپىپ قويغان. كارۋات ئۇستىدىكى گېلەمگە، جوزىغا يۇقۇپ قالغان قان داغلىرنى ۋە دىلو سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن پالتىنىڭ تىغىدىكى قان دېغىنى سۈرتۇپ تازلىۋەتگەن. شۇ ۋاقىتتا يولدۇشى مxx ئۆيگە كىرىپ زىيانلانغۇچى يxxنى سورىغاندا ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەنلىكنى دىگەن. 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى جاۋابكار رxx سائەت12:00 لەر ئەتىراپىدا زىيانلانغۇچى يxxنىڭ جەسىتىنى ھويلىنىڭ شىمال تەرپىدىكى كۈمۈر دۆۋلەپ قويغان جايغا ئورەك كولاپ زىيانلانغۇچىنىڭ جەستى بىلەن جەسەتنى ئوراپ قويغان ئىككى دانە ئەديال ۋە ئۇزنىڭ قان يۇقۇپ قالغان كىيمىنى ئۆرەككە تاشلاپ كومۇۋېتىپ ئۈستىگە كۈمۈر يېيتىۋاتقان. نەق مەيداندىكى قان دېغى، قاتىللىق قورالى پالتىدىكى قان دېغنى سۇرتىگەن لاتا بىلەن پاختىنى ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆستەڭگە تاشلىۋەتگەن. قاتىللىق قورالى پالتىنىڭ تىغىنى سۇدا يۇيۋېتىپ ئاشخانا ئۆيدىكى پەشخۇننىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويغان. زىيانلانغۇچىنىڭ دادىسى مxx يxxنى ئىزدەپ يۈرگەن. 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 16:30 ئەتىراپىدا مxx xx ئولتۇراق رايۇنى دەرۋازىسىدىكى كۈزۈتۈش ئاپپاراتىنى تەكشۇرۇپ كورۇپ جاۋابكار رxxنىڭ 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۇنى كەچتە زىيانلانغۇچى يxxنى ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتقا مىندۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن سىن خاتىرسىنى كۈرۈپ xx ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارسى xxساقچىخانىسىغا دىلو مەلۇم قىلغان. ساقچىلار جاۋابكار رxxبىلەن كورۇشۇپ ‹‹xx ئولتۇراق رايۇنى دەرۋازىسىدىكى كۈزۈتۈش ئاپپاراتىدا 28-چىسلا كەچتە زىيانلانغۇچى يxxنى سىنىڭ ئېلىپ كەتكەن سىن كۈرۈنىشىڭ بار ئىكەن، يxxقېنى؟›› دەپ سورغاندا جاۋابكار رxx ‹‹شۇ كۈنى كەچتە زىييانلانغۇچى يxxنى xx ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدىن ئۆيگە ئېلىپ كەتكەن ئىدىم، ئۆيگە ئاپارغاندىن كېيىن ھويلىدىكى چىتنىڭ شۇرۇسىدىن چىقىپ كىتىپتۇ›› دەپ جاۋاپ بەرگەن. جاۋابكار رxx 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 18:00 ئەتىراپىدا زىيانلانغۇچى يxxنىڭ جەسىتىنى ئەسلىدىكى كومۋەتگەن ئورۇندىن كولاپ ئېلىپ باشقا يەرگە كۇمۋېتىش مەقسىدىدە زىيانلانغۇچىنىڭ جەستىنى كومگەن ئورۇندىن كولاپ ئېلىپ شۇ ھويلىدىكى ئۆينىڭ تېمنىڭ يېنىدىن ئورەك كولاپ زىيانلانغۇچى يxxنىڭ جەستىنى بىر پارچە ئاق رەڭلىك تور رەخىت بىلەن بىر پارچە ئاق رەڭلىك رەختتە ئوراپ كۈمۋاتقان. ئالدىنقى قېتىم جەسەتنى كۆمگەندە يوگىگەن ئاق رەڭلىك ئەديال بىلەن يېشىل بالداق ئەديالنى شو ھويلىدىكى ھاجەتخاننىڭ يېنىدىكى تېرەكنىڭ يېنىغا يۇشۇرۇپ قويغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى يxxنىڭ جەستى جاۋاپكار رxxنىڭ ھويلىسىنىڭ تامنىڭ يېنىدىكى كومگەن ئورۇندىن تېپىلغان.
xx ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ (2018) 18-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدە زىيانلانغۇچى يxxنىڭ ئۈلۈش سەۋەبى بولسا سىرتقى زەخمە سەۋەبىدىن كۆپ مىقداردا قان يوقىتىش بىلەن بىرگە، مىڭىسى زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ باھالاپ بېكىتگەن.
دىلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق بېكىتىشگە بۇلدۇ. يۇقارقى پاكىتلارنى ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، ئېنقىلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، باھالاشنامە، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، فوتۇ-سۇرئەت، ئۇن-سىن بۇيۇمى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
جاۋاپكار رxxنىڭ تەربىيە بالسى زىيانلانغۇچى يxنى ئورۇنسىز سەۋەپ بىلەن باش، بۇيۇن قىسمنغا پالتا بىلەن چاناپ ئولتۇرۋىتىپ ھاياتدىن مەھرۇم قىلغان يۇقارقى قىلمىشىى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 232-ماددا بەلگۇلمىسگە خىلاپ بۇلۇپ قەستەن قاتىللق جىنايىتى شەكىللىندۇ. مەھكىمىمىز جامائەت بىخەتەرلىكىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداپ جىنايى ھەركەتلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىپ، ئىجتىمائى مۇقۇملىققا كاپالەتلىك قىلىش، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ھوقۇقىنىڭ قانۇنسىز دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكار رxxغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 232-ماددا بەلگۇلمىسى بۇيچە جازا بېرىشگە تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. شۇڭا ‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ جىنايى جازا بېرىشى ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش : پاتىمە قادىر
تەپتىش: مەرپەت ئابلەي.
2020- يىلى 3- ئاينىڭ -9كۇنى
ئىزاھات:
10پارچە ئەيىپلاشنامە،2 توپلام تەھقىقىلەش ئارخىپى، ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى بىرگە يوللاندى.
xجاۋاپكار xx ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论