欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2020)358-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار ر**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:X 251*******652925، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دېھقان، **ناھىيسىدىن، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى: **ناھىيە  ** بازار ** كەنت **-گوروپ **- نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، ھازىر توقسۇ ناھىيە ئۇچقات يېزا لەمپە كەنت 1-گوروپ 81-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ر**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2021) 14-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى :

جاۋابكار ر** 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 15 ئەتراپىدا ، توقسۇ ناھىيە ئۇچقات يېزا ئۇچقات بازىردىكى كەچلىك بازاردا ن** قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ، كەچلىك بازارنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新N73012 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى مەس ھالەتتە پىراۋىلىق ھەيدەپ ، ئۇچقات يېزا خانىقا يۇلىدا شەرىقتىن غەرىپكە يۈنىلىش بۇيىچە ھەيدەپ يول يۈرىۋاتقاندا ، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ئۇچقات خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىللىرى ر**ھەيدىگەن ماشىننى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەرياندا ، ر**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ ، نەق مەيداندا دەلىل – ئىسپات ئالغاندىن كىيىن ، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ر**نى توقسۇ ناھىيە ئۇچقات يېزىلىق شىپاخانىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان .

 شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 4530- نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە: ر**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 300 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان . 

يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ر**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن  ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار           ر**نىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 10 مىڭ يۈەن ئشىتراپ قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                     تەپتىش :  مۇنىرە ئېلى  

                     تەپتىش: ئۆمەر قادىر

                        2020-يىلى 11-ئاينىڭ  13-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top