乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕147号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار راxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ئۇچتۇرپان ناھيە xx يېزا xx كەنىتxx-گۇرۇپ xx-نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى يېڭىشەھەر xx-رايۇن xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-نومۇرلۇق ئۆي. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارلىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار راxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار راxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 20:30 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە يېڭىشەھەر 2-ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئەتراپىدىكى بىر ئاشخاندا، ئەxx بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 23:00 ئەتراپىدا ئەxx بىلەن بىللە ئاشخانىدىن قايتىپ چىقىپ، 2-ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەن. بۇ چاغدا ئەxx يىڭى شەھەر 2-رايۇنى سىمىز كالا خوگوخانىسىنىڭ يىنىدىكى پىيادىلەر يولىغا توختۇتۇپ قويغان xx نومۇرلۇق ماشىنىسىنى، جاۋابكار راxxغا «قاتناش تۇسۇلۇپ قالمايدىغان كەڭرەك يەرگە توختىتىپ قۇيۇپ، ئىچىدىكى پۇلنى ئېلىپ كېلىشنى» ئېيىتقان. جاۋابكار راxx ئەxxدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىلىپ، ماشىنىنىڭ قىشىغا كىلىپ ئوت ئالدۇرماقچى بولغان بولسىمۇ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇلمىغان، بۇ چاغدا ئەxx كىلىپ ماشىنسىنىڭ گاز كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار راxx ماشىنىنى قوزغۇتۇپ ئالدى-كەينىگە 5 مىتىر ئەتراپىدا ماڭدۇرغاندا، شۇ ئەتراپنى چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيلىك باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار راxx ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 229.63 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار راxxمەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار راxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن مۇساپە ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش ۋە قۇشۇمچە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论