شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن تەپتىش 1- بۆلۈم ئەيىبلەش (2020) 87-نومۇرلۇق
جاۋابكار رە** ، ئەر،ئۇيغۇر،** -يىلى* -ئاينىڭ*-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: دىھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: ******* نوپۇسى ۋە دائىمىي ئولتۇرۇشلۇق ئورۇن:غۇلجا ناھىيە * يېزا * كەنىت1-گۇرۇپپا ،ئىلگىرى سوتلىق بولمىغان .
2019يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوغىرىلىق جىنايىتى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.2020-يىلى 4-ئاينىڭ9-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتتۇق.قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق.جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق.دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار رە**2019-يىلى4-ئاينىڭ13-كۈنى ئۆزى يالغۇز غۇلجا ناھىيە مازار يېزا ئورتا مەھەللە كەنىت 5-گۇرۇپپىدىكى باغدىن زىيانلانغۇچى سە**نىڭ 2520يۇەن قىممەتتىكى توكسىكىلىتىنى ئوغىرىلاپ غۇلجا ناھىيە دۆڭمازار بازىرىغا ئىلىپ بىرىپ تونۇمايدىغان بىرسىگە سېتىپ پايدىلانغان.
جاۋابكار رە** 2015-يىلى9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز غۇلجا ناھىيە مازار يېزا ئورتا مەھەللە كەنىت ئەزاسى يۈ**نىڭ 1300يۇەن قىممەتتىكى ئىككى تۇياق قويىنى ئوغىرىلاپ دۆڭمازار بازىرىغا ئاپىرىپ تونۇمايدىغان بىرسىگە سېتىپ پايدىلانغان.
جاۋابكار رە**2015-يىلى4-ئاينىڭ ئىچىدە ئۆزى يالغۇز غۇلجا ناھىيە مازار يېزا ئورتا مەھەللە كەنىت ئەزاسى تاي**نىڭ 1100يۇەن قىممەتتىكى بىر تۇياق ئۆچكىسىنى ئوغىرىلاپ غۇلجا ناھىيە قاش بازىرىغا ئىلىپ بىرىپ تونۇمايدىغان بىرسىگە سېتىپ پايدىلانغان.
جاۋابكار رە** 2014-يىلى 8-ئاينىڭ ئىچىدە غۇلجا ناھىيە مازار يېزا ئورتا مەھەللە كەنىت ئەزاسى قۇ**نىڭ 180يۇەن قىممەتتىكى ئۈچ دانە توخۇسىنى ئوغىرىلاپ سويۇپ يەپ پايدىلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات ؛
2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
3.زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ؛
4.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛
5.باھالاش پىكىرى؛
6.نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛
7.ئۈن سىن پىلاستىنكىسى .
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىشى قانۇنلۇق،ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇنى ئوبىكتىپ ،راست.شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بىكىتىشكە بولىدۇ.جاۋابكار رە**نىڭ شىكايەت قىلىنغان قىلىمىش ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق.ھەم ئۆزى خالاپ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ، جاۋابكار رەخ**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال ئوغىرىلىغانلىق ھەرىكىتى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 264-ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست ،ئوغىرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكارنىڭ جىنايىتنى تونۇش ،تاپشۇرۇش پوزىتسىيىسى ياخشى. جىنايىىتنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .شۇڭا جاۋاپكارغا«جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا ،67-ماددا3-تارماق بەلگىلىمىسى ،جىنايىتنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە 2ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ،قوشۇمچە1000يۇەن شىتراپ قويۇشۇڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: گۈلمىرە ئابدىغەنى
تەپتىش :ئەسئەت قۇربانجان
2020- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى
قوشۇمچە :
1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىلدە .
2. 8نۇسخا ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى،جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ،دەلىل ئىسپات تېزىسى،ئۈن سىن ماتىريالى،ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论