شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش 〔2019〕7642- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار رX،ئايال،ئۇيغۇر،1973–يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6530211973،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تىجارەتچى،شىنجاڭ ئاتۇش شەھرىدىن،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:ئاتۇش شەھرى** يېزا ** كەنت ** يول**-نۇمۇرلۇق قورو، ھازىرقى تۇرالغۇسى :ئۈرۈمچى شەھرى ** رايونى ** غەربى يولى**-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان .
ھايۋانات،ئۆسۈملۈك يۇقۇرى مۇداپىيەسى، كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019-يىلى3-ئاينىڭ22-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .
2.جاۋابكار قX،ئەر، ئۇيغۇر،1962–يىلى**-ئاينىڭ**- كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: ********6530211962ساۋاتسىز،دېھقان،شىنجاڭ ئاتۇش شەھرىدىن،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى :ئاتۇش شەھرى** يېزىسى ** كەنت** يولى**- نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان .
ھايۋانات،ئۆسۈملۈك يۇقۇرى مۇداپىيەسى، كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019-يىلى3-ئاينىڭ22-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .
3.جاۋابكار مX،ئەر، ئۇيغۇر،1962–يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6530211962باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، شىنجاڭ ئاتۇش شەھرىدىن،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى :ئاتۇش شەھرى ** يېزىسى** كەنت ** يولى**-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان .
ھايۋانات،ئۆسۈملۈك يۇقۇرى مۇداپىيەسى، كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019-يىلى3-ئاينىڭ22-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .
4.جاۋابكار ئەX،ئەر، ئۇيغۇر،1973–يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529231973 باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،شوپۇر، شىنجاڭ ئاتۇش شەھرىدىن،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى :ئاتۇش شەھرى ** يېزىسى ** كەنت **يولى**-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان .
ھايۋانات،ئۆسۈملۈك يۇقۇرى مۇداپىيەسى، كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019-يىلى3-ئاينىڭ22-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕648-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار رX،قX، مX،ئەXلارنىڭ ھايۋانات،ئۆسۈملۈك يۇقۇرى مۇداپىيەسى، كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايى دېلوسىنى 2019- يىلى10- ئاينىڭ 24–كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،2019-يىلى11-ئاينىڭ24-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتى :
1. جاۋابكار قX 2019-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرى،تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە، ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىلىك جاۋابكار مX،ئەXغا « شىرىكلىشىپ تىجارەت قىپ ئىككىنچى قول ماشىنا ياكى قوي-كالا ئەكىلىپ سېتىپ » تىجارەت قىلىش مەسلەھەتنى بەرگەن، مX بىلەن ئەXلار ئۇنىڭ مەسلەھەتىگە قۇشۇلغاندىن كىيىن، قX 280 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ئۈچەيلەن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 19:00 ئەتىراپىدا ئايرۇپىلان بىلەن ئاتۇش شەھىردىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارغان، 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەر ** رايۇنىدىكى چارۋا-مال بازىرىغا چارۋا–مال سېتۋالماقچى بۇلۇپ بارغان. بازارنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن، قX قاتارلىقلار بازارغا كىرىدىغان مال-چارۋىنى كارانتىن قىلىپ تەكشۈردىغان خادىملاردىن « بىز ئاتۇشتىن كەلگەن، چارۋا مال ئالماقچىدۇق،كارانتىن قەغىزى كەستۈرگىلى بۇلامۇ» دەپ سورىغاندا، ئۇلار« ھازىر ئىككى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە كارانتىن قەغىزىنى كىسىشنى توختىتۋەتتى» دىگەندىن كىيىن، قX « كارانتىن قەغىزى كەسمىسە بىز مال-چارۋا سېتىۋالغان بىلەنمۇ ئاتۇشقا ئېلىپ كىتەلمەيمىز، شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇ يەرگە كىپتىمىز بازارغا كىرىپ كۈرۈپ باقايلى» دىيىشىپ چارۋا-مال بازىرىغا كىرگەن. بازار ئارلاپ **دىن كەلگەن بىر قازاق بالا ساتقىلى ئەكىرگەن15 تۇياق كالىنى سېتىۋالماقچى بۇلۇپ سودىىلىشىپ 15 تۇياق كالىنى جەمئىي 122500 يۈەنگە سېتىۋالدىغانغا كىلىشكەن ۋە شۇ جايدا كالا- قوي ساتىدىغان كىشلەردىن سوراپ يۈرۈپ كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپات قەغىزى كەستۈرگىلى بولدىغانلىقىنى، جاۋابكار رXنىڭ مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى قىلدىغانلىقىنى بىلىگەندىن كىيىن، قX باشقىلاردىن سوراپ رXنىڭ ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرىنى تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپات قەغىزى ھەل قىلىپ بېرىش ئىشى توغرىسىدا سۆزلەشكەن، رX دۈربىلىجىن ناھىيسى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئورنىدا ئىشلەيدىغان ئەX(** ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان) بىلەن ئالاقىلاشقان.ئەX ھەر-بىر كالىغا 40 يۈەندىن پۇل بەرسە كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىنى بېجىرىپ بېرەلەيدىغانلىقنى دىگەندىن كىيىن، رX، قX قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلىىشپ « بوپتۇ بېجىرىپ بېرەي، بىر كالىغا يۈز كويدىن پۇل بېرىسىلەر» دەپ ئۇلارغا ئالتاي ياكى دۆربىلىجىننىڭ كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپات قەغىزنى بېجىرىپ بېرىدىغان بولغان، شۇنىڭدىن كىيىن رX ، قX قاتارلىقلارغا تىلفۇن قىلىپ « مال ئالدىڭلارمۇ » دەپ بىر نەچچە قېتىم سۈيلىگەن. قX « كارانتىن ئىسپات قەغىزىنى كۆرمەي تۇرۇپ مال ئالمايمىز» دىگەن، رX« خاتىرجەم ئېلىۋېرىڭلار، مەن دىگەن گىپىمگە ئەمەل قىلىمەن، خاتىرجەم ئېلىۋېرىڭلار، ئۆزەم يولغا سالىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەندىن كىيىن. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى قX، ئەX، مX قاتارلىقلار، ئالدىنقى كۈنى چارۋا-مال بازىرىدا كۈرۈپ سودىلىشىپ قويغان قازاق بالىنىڭ 15 تۇياق كالىسىنىڭ ھەممىسىنى 122500 يۈەنگە سېتىۋالغان ۋە شۇ جايدىكى قX ئىسىملىك بىرسىنىڭ قوتىنىغا ئەكىرىپ ۋاقىتلىق سولاپ قۇيۇپ تۇرغان. يەنە شۇ بازاردىن ناتۇنۇش ئۈچ كىشىدىن 16 كالىنى 156 مىڭ 800 يۈەنگە سودىلىشىپ سېتىۋالغان، 31 تۇياق كالىنىڭ ھەممىسىنى قXنىڭ قوتىنىغا ئاپرىىپ سولاپ قويغاندىن كىيىن، قX، رXغا تىلفۇن قىلىپ« سەن ھەل قىلىمەن دىگەچكە كالىلارنى ئېپ بولدۇق» دىگەن. ئارىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندە ئۇلار چارۋا-مال بازىرىنىڭ ئىچىدىكى بانكىنىڭ ئالدىدا رX ۋە ئۇنىڭ يولدىشى تXلار بىلەن كۈرۈشكەن. شۇ يەردە قX 31 دانە كالىنىڭ كارانتىن ئىسپات قەغىزىنى بېجىرىش ئۈچۈن ھەر بىر كالىغا 100 يۈەندىن جەمئىي 3100 يۈەن پۇلنى رXغا بەرگەن. رX پۇلنى ئالغاندىن كىيىن « كالا باسىدىغان ماشىنا تېپىڭلار» دىگەن. قX قاتارلىقلار چارۋا-مال بازىرىدا كالا قوي باسىدىغان ماشىنا ھەيدەيدىغان شXنىڭ ماشنىسىنى، كالىلارنى ئاتۇش شەھرىگە 8700 يۈەنگە ئاپرىپ قۇيدىغانغا كىلىشكەن ۋە رX كارانتىن ئىسپات قەغىزىنى بېجىرىپ ئەكەلگەندە ئاندىن يولغا چىقماقچى بولغان،ئەX 3-ئاينىڭ 16-كۈنى كالىلارنىڭ كارانتىن لاياقەتىلىك ئىسپات قەغىزىنى ۋە كالىلارنىڭ قۇلىقىغا قاقىدىغان ھالقا، قان تەكشۈرۈش ئىسپات قەغىزنى كىرا ماشىنسى ئارقىلىق رXغا يەتكۈزۈپ بەرگەن، رX بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ قX قاتارلىقلارغا تاپشۇرغان. مX، ئەXلار ئۆXنىڭ ماشىنىسىغا 31تۇياق كالىنى بېسىپ ئاتۇش شەھرىگە قاراپ يولغا چىققان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى كۇچا ناھىيە ** تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، كۇچا ناھىيىلىك ھايۋانات ساقلىقى نازارتچىلىك ئورنىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى كالىلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كالىلاردا كېسەللىك گۇمانى بارلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنى توختىتىپ قۇيۇپ، كالىلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھايۋانات كېسەل مۇداپىيە كونتىرول مەركىزىنىڭ كالىلاردىكى كېسەللىك ئەھۋالىنى باھالاپ بېكىتىشكە يوللىغان. 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تەكشۈرۈشكە يوللانغان قان ئەۋرىشكىسى ئىچىدە بەش تۇياق كالىنىڭ ئاقسىل كېسىلى بىلەن يۇقاملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كىيىن، شۇ كۈنى كۇچا ناھىيىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسەن، 31 تۇياق كالىنىڭ ھەممىسى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ ئۆلتۈرلۈپ كۆمىۋىتىلگەن.
2. جاۋابكار رX، 2019-يىلى3-ئاينىڭ16-كۈنى باينغۇلىن ئوبلاستى** ناھىيسىدىن ئۈرۈمچى شەھەر ** چارۋا-مال بازىرىغا چارۋا مال سېتىۋالغىلى كىلپ 30 تۇياق كالا سېتىۋالغان ئېX( ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان)غا، 30 كالىغا ھىساپلاپ 3 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالغاندىن كىيىن،** ناھىيسى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئورنىدا ئىشلەيدىغان ئەX بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا قانۇنسىز ئىسپات بەرگەن. ** ناھىيسىگە يۆتكەلگەن كالىلاردىنمۇ ئوخشاش كېسەللىك ئەھۋالنى بايقىىپ، يەرلىك ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئورنى تەرىپىدىن زىيانسىلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاش پىكرى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك،جاۋابكار رX،قX،مX،ئەXلارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ھايۋانات،ئۆسۈملۈك يۇقۇرى مۇداپىيەسى، كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ .
مەھكىمىمىز دۆلەتنىڭ ھايۋانات،ئۆسۈملۈك يۇقۇرى مۇداپىئەسى،كارانىتىنىغا ئائىت قانۇن- نىزاملىرىنىڭ توغرا يۈرگۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار رX،قX، مX،ئەXلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 337-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار رX،قX، مX،ئەXلار ئائىلىسىگە كاپەلەتچىگە بېرىلگەن ھازىر ئائىلىسىدە .
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى،ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكىپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论