欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某某贩卖毒品)

2021-09-25 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

غۇلجا  ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

   غ ن تەپتىش 1-جىنايى ئىشلار بۆلۈم ئەيىبلەش  (2020)xx-نومۇرلوق

جاۋابكار: رىيxx،ئەر،ئۇيغۇر،xx19-يىلى xx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: ئاشپەز ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxxx6541، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى:xx ناھىيە xx يىزا xx كەنتxx يولىxx- كوچا xx-نومۇر،ھازىرقى ئولتۇرۇشلوق ئورنى: x ن xx بازىرى xx كەنت.2020-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى غ ن  ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دېلونى غۇلجا  ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،   2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل پىرىنسىنى قوللىنىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى  ئۇقتۇردۇق.قانۇن بويىچە جاۋاپكارنى سوراق قىلدۇق.دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە

جاۋاپكار  رىيىxx  2020-  يىلى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 16دە غ ن جىلىيۈز بازىرى دۆڭمەھەللە كەنت بەشكۆرۈك يولى كونا قەبرىستانلىق يىنىدىكى تاشيولدا غ ن ۋۇگوڭ يىزا بارات مەھەللە كەنت ئەزاسى ئەxxكە  500يۈەنگە قارا سۇلياۋغا ئورالغان 8.15 گىرام ئىغىرلىقتىكى 6 كىچىك بولاق زەھەرلىك چىكىملىك نەشە ساتقاندا نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن. ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددىى ئىسپاتلارنى باھالاش دوكلاتىدا جاۋاپكار رىيىxx ساتقان ماددىنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى نەشە دەپ بىكىتىلگەن.

يۇقارقى. پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات ؛

2.​ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

4.جاۋابكارنىڭ  ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛

5.باھالاش پىكىرى؛

6.نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

7.ئۈن سىن پىلاستىنكىسى .

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىشى قانۇنلۇق،ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇنى ئوبىكتىپ ،راست،شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بىكىتىشكە بولىدۇ.جاۋاپكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان قىلمىش ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق،ھەم جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ، جاۋابكار رىيىxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى ‹جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›نىڭ 347 -ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. زەھەر(نەشە) سىتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار رىيىxxقا «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ 1000 يۈەن شىتراف قويۇشۇڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                      ھۆرمەت بىلەن  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مۇكەررەم بەكرى. 

 تەپتىش :ئەسئەت قۇربانجان

                        2020- يىلى 10- ئاينىڭ12- كۈنى

قوشۇمچە :

1.​ جاۋابكار ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن .

2.​ 2. 8نۇسخا ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، دەلىل ئىسپات تېزىسى،ئۈن سىن ماتىريالى،ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top