欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(牙某某危险驾驶案)

2021-09-20 独角龙 评论0

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش ( 2019 ) 28-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋاپكار يXX، ئەر، ئۇيغۇر، 55ياش، كىملىك نومۇرى: 65292719631XXXXXXXX، كەسپى تىجارەتچى، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئۈچتۈرپان ناھىيە XX يېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

    ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.

  قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

      -2019يىلى  -6ئاينىڭ  -23كۈنى سائەت 18:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ياXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 03:30لەر ئەتراپىدا، ئاقسۇ شەھەر  XX ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا توختۇتۇپ قويغان 新AXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا كەلگەندە، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپىدىكى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار يXXنىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 145.76 مىللىگىرام (145.76mg/100ml) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن

   يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار يXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىرىنچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگەخىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار يXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ياXXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايتىگە 1ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە 4مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، جاۋابكار يXXقا«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز. 

تەپتىش: پەرھار چۇۋار

مۇۋاققەت تەپتىش:  ئابدۇسالام تۇرسۇن 

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىزاھات:

 1. جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.XXXX1389990

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جازاغا قايىل بولۇش تىل خېتى ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top