乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕713号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبنامە (2020) 713-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ي x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى ئۈچۈن 4 ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراپ قويۇشقا ھۈكۈم قىلىنغان، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنغان. جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىىن بۇرۇن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقتىن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قايتىدىن دېلو تۇرغۇزۇلغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ي xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، جاۋابكار بۇ دېلونى تېز سوتلاش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار ي x 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە xيىزا x-كەنىت 4-مەھەللىدىكى دۇكاندا سx بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر سائەت 00:00 ئەتراپىدا، دۇكاندىن قايتىپ چىقىپ، دۇكان ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新xنۇمۇر تاختىسى ئېسىلغان xچاقلىق موتسىكىلىتنى پىراۋىسىز مەست ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىۋاتقاندا، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە، ي xنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 88.67 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ي xنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋابكارنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسى يوقلىقى، ئىلگىرى جازالانغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، جاۋابكارغا 2 ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 4 مىڭ يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى يوللاندى.
(2) ي xنىڭ تېلىفۇن نومۇرى x.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论